باش بەت>شانلىق مۇساپە

ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش: رېن بىشى ۋە ئۇنىڭ ‹‹پارتىيە ئەزالىرى ئاممىدىن ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك››

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-21 22:18:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

مەركىزىي ئارخىپخانىدا ساقلانغان قىممەتلىك تارىخىي ئارخىپلاردا خاتىرىلەنگەن پارتىيە تارىخى ھېكايىلىرى

   1943 – يىلى 6 – ئايدا رېن بىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 22 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن يازغان ‹‹پارتىيە ئەزالىرى ئاممىدىن ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك›› دېگەن ماقالە ھازىرمۇ چوڭقۇر رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ماقالىنىڭ ئارگىنالى مەركىزىي ئارخىپخانىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.

   ماقالىدە مۇنداق يېزىلغان: ‹‹نېمە ئۈچۈن ئاممىدىن ئۆگىنىش مەسىلىسىنى پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ توغرا بولۇش – بولماسلىقى، ئاممىدىن ئايرىلىش – ئايرىلماسلىق مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە دەيمىز؟ چۈنكى پارتىيەنىڭ بارلىق سىياسەتلىرى ۋە قارارلىرىنىڭ توغرا بولۇش – بولماسلىقىغا باھا بەرگەندە ئۇنىڭ ئاممىنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئاممىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان – بولمىغانلىقىغا، ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيدىغان – ئېرىشەلمەيدىغانلىقىغا قاراش ھەم ئاممىنىڭ كۈرەش قىلىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئاكتىپلىقىنى قوزغىيالايدىغان – قوزغىيالمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك، پەقەت شۇندىلا توغرا قىلغان بولىمىز. بۇنداق قىلغاندا رەھبەرلىرىمىز دائىم ئاممىغا يۈزلىنىشى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا دائىم كۆيۈنۈشى، ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىشى، ئاممىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى چۈشىنىش ۋە ئاممىۋى كۈرەش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەشكە ماھىر بولۇشى ھەم ئۇنىڭ ساۋىقى ۋە قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىقىپ، ئاندىن ئاممىنىڭ ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك... ئاممىنىڭ ئىجادىي كۈچى ناھايىتى ئۇلۇغ، ئاممىغا تايانغاندىلا، ھەرقانداق قىيىن مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلغىلى بولىدۇ››.

   رېن بىشى ماۋ زېدۇڭنى يادرو قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1 – ئەۋلاد رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ مۇھىم ئەزاسى، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاممىۋى قارىشىنى كۈچەيتىپ، بارلىق خىزمەتلىرىدە ئاممىنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئاممىنىڭ تەجرىبىلىرىنى نەزەردە تۇتۇش، ئاممىنىڭ كۈچىگە تايىنىشنى چىقىش قىلىش قارىشى پارتىيەمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى. ئاممىدىن ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇش رېن بىشىنىڭ ئىنقىلاب سەرگۈزەشتىلىرىدىن چىقارغان چوڭقۇر يەكۈنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىنقىلابىي ھاياتىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى.

   1916 – يىلى رېن بىشى 12 ياش ۋاقتىدا يازغان ‹‹ئاممىنى سۆيۈش تەلىماتى›› تېمىسىدىكى ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: ‹‹ئادەمدە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بولۇشى، ۋەتەنپەرۋەرلىكتە ئالدى بىلەن ئۆم بولۇش، ئۆم بولۇشتا ئالدى بىلەن ئاممىنى سۆيۈش كېرەك››، ‹‹ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئاجىز بولغانلار ئاممىنى سۆيەلمەيدۇ، دائىم باشقىلارنىڭ بېسىشىغا ئۇچرايدۇ››، ‹‹ئاممىنى سۆيگەندە، دۆلەت روناق تاپماي قالامدۇ؟››.

   بۇ نۇقتىدا، رېن بىشىنىڭ قىزى رېن يۈەنجى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: دادامنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن، دادام بىلەن ياشاش جەريانىدا ئۇنىڭ ئىتتىپاقلىققا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانىدىم، كىچىكىمىزدە بىز ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، بولۇپمۇ دادام ئىنى – سىڭىللىرىمغا ئوقۇش قوراللىرىنى تەقسىملىگەندە، ھامان ئېغىر كۆرمەي ئاۋۋال ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەيتتى. بىر يىلى دادام موسكۋادا داۋالىنىۋاتقاندا سەككىز ياشلىق ئىنىم يۈەنيۈەننىڭ كونا ۋېلىسىپىتىنى ھەدىسى يۈەنفاڭغا بەرگۈزۈش ئۈچۈن، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي خەت يېزىپ ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىگەنىدى. بۇلارنى مەن دادامنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇلى، دەپ چۈشەنگەنىدىم، دادامنىڭ بالىلىق دەۋرىدە يازغان ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ‹‹ئۆم بولۇش›› قارىشىنىڭ دادامغا ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن باشلاپلا چوڭقۇر سىڭگەنلىكىنى بىلدىم.

   1922 – يىلى رېن بىشى پارتىيەگە كىرگەندىن كېيىن، ئىنقىلاب ئىشلىرىغا پائال ئاتلاندى. پارتىيە ئىچىدە سولچىللىق ياكى ئوڭچىللىق ئىدىيەسى پەيدا بولغاندا رېن بىشى باشتىن – ئاخىر ‹‹ئاممىدىن ئۆگىنىش›› پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇردى.

   چېن دۇشيۇ رېن بىشى ئىدىيەسىنىڭ مەرىپەتچىسى بولۇپ، رېن بىشىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ھالبۇكى، 1927 – يىلى گومىنداڭ پارتىيەسى بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھەمكارلىقى بۇزۇلۇپ، رېن بىشى چېن دۇشيۇنىڭ تۈرلۈك – تۈمەن خاتا ئىشلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئوڭچىل ئاغمىچىلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلدى. ‹‹7 – ئاۋغۇست يىغىنى››دا رېن بىشى مۇنداق دېدى: ‹‹پارتىيە ئاممىدىن قورقۇپ، دائىم ئۇششاق بۇرژۇئازىيەگە يول قويۇپ، پارتىيەنىڭ رولىنى يوقاتتى››.

   شۇنىڭدىن كېيىن، ئىنقىلابنىڭ ئۈزلۈكسىز گۈللىنىشى، يەنە مەغلۇپ بولۇشىغا ئەگىشىپ، جايلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، پارتىيەنىڭ زور تۈركۈمدىكى مۇنەۋۋەر كادىرلىرى قولغا ئېلىندى ۋە قۇربان بولدى. شەرقىي خۇنەن قوزغىلىڭىنى تەكشۈرگەن رېن بىشى سوغۇققانلىق بىلەن كۆزىتىپ ئويلىنىش ۋە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق 1928 – يىلى 1 – ئايدا ‹‹قوزغىلاڭ مەسىلىسى توغرىسىدا بىرقانچە پىكىر›› ناملىق ماقالىنى يېزىپ، ئۇ جايلاردىكى قوزغىلاڭلارنىڭ مەغلۇپ بولۇش سەۋەبىنىڭ ئاممىنىڭ قاتناشمىغانلىقى ۋە ئاممىنىڭ ھەم ئۈنۈملۈك تەشكىللەنمىگەنلىكى، ھەم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ھوقۇق تارتىۋېلىش ئېڭىنىڭ يوقلۇقىدا ئىكەنلىكىنى تەھلىل قىلىپ چىقتى. شۇڭا ئۇ ھازىرقى ئەڭ جىددىي خىزمەتنىڭ ‹‹ئاممىنى تەشكىللەش، كۈندىلىك قىسمەن ئۇرۇش داۋامىدا ئاممىنىڭ قوزغىلاڭ ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، سىنىپىي تەشكىلاتلارنى مۇستەھكەملەش››، ‹‹ئۇلارغا ئۆچمەس ئۇلۇغ سىنىپىي كۈچنى ھېس قىلدۇرۇش›› ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

   ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، رېن بىشى 8 – ئارمىيە سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندا، ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى دائىم تەكىتلىدى. 1937 – يىلى 14 – دېكابىر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى ئېۋانس كارسوننىڭ تەلىپى بويىچە، رېن بىشى 8 – ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت ئەھۋالىنى مېھمانلارغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئارمىيە خۇددى بېلىققا، خەلق بېلىق ئۈزۈۋاتقان شۇ سۇغا ئوخشايدۇ. تەربىيە ئارقىلىق ئاممىغا نېمە ئۈچۈن ياپونىيە بىلەن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى، ياپونىيەنى قانداق مەغلۇپ قىلىش، ئىچكى قىسىمدا قانداق ئىناق ئۆتۈش ۋە مەجبۇرىيىتىنى قانداق ئادا قىلىش، ھوقۇقىدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلدۈرۈش؛ ياپونىيە ئارمىيەسىگە قاراتقان خىزمەتتە، ياپونىيە ھۆكۈمرانىنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلاپ، ياپونىيە ئەسكەرلىرىنى مۇستەقىل ئويلاندۇرۇش كېرەك... كارسون بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق يازغان: بۇ سۆزلەرگە ‹‹ھەقىقەت، غايە ۋە ئەقىل – پاراسەت يوشۇرۇنغان››.

   رېن بىشى ئامېرىكا مۇخبىرى، يازغۇچى ئاننا لوئىس ستروڭغا 8 – ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمىتى ۋە پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ سىياسىتىنى تونۇشتۇرغاندا مۇنداق دېگەن: ئارمىيەمىز ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، ‹‹ئامما ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقاندىلا غەلىبە قىلالايمىز››. خەلقنى تەشكىللەش ‹‹ھەم غەلىبە قىلىشنىڭ كاپالىتى، شۇنداقلا ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى دېموكراتىيەنىڭ كاپالىتىدۇر››. ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىشتا، ئالدى بىلەن ياپون باسقۇنچىلىرى ئۆتكۈزگەن كىشىنى چۆچۈتىدىغان جىنايەتنى ئاممىغا سۆزلەش بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش كېرەك. 8 – ئارمىيە پۈتكۈل خەلقنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشىغا پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن يەرلىك ھۆكۈمەت ئارقىلىق ئىجارە ھەققى، باج ۋە ئۆسۈمنى تۆۋەنلەتتى ھەم پۇلدارلارنى ۋەيران قىلماسلىق ئۈچۈن بۇ تەلەپلەرنى بەك يۇقىرى قويمىدى.

   1948 – يىلى 12 – يانۋار غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى سەپ كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا يەر ئىسلاھاتى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغاندا، رېن بىشى ‹‹يەر ئىسلاھاتىدىكى بىرقانچە مەسىلە›› تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: بىز سودا – سانائەت كەسپىگە قوغداش ۋە رەھبەرلىك قىلىش سىياسىتىنى قوللىنىشىمىز كېرەك، سودا – سانائەت كەسپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ‹‹بىر خىل ئۆلۈۋېلىش سىياسىتى››. پارتىيەنىڭ سىياسىتى پەقەت بىيۇروكرات كاپىتالنى مۇسادىرە قىلىش ۋە ھەقىقىي چوڭ زومىگەرلەر، ئەكسىلئىنقىلابچىلارنىڭ سودا – سانائەت كەسپىنى دۆلەت ياكى خەلقنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش. ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە ئەسكەرلەرگە بۇنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارغا نېمە ئۈچۈن سودا – سانائەت كەسپىنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمگەكچى خەلققە قىسمەن، ۋاقىتلىق مەنپەئىتىنى پۈتكۈل يىراق كەلگۈسى مەنپەئەتكە بويسۇندۇرۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ‹‹شەكىل جەھەتتىن قارىماققا ئاممىۋى لۇشيەندە ماڭغاندەك بولسىمۇ، ماھىيەتتە ئەگىشىش خاتالىقىنى سادىر قىلىدۇ››. زىيالىيلار ۋە تەرەققىيپەرۋەر ئاقسۆڭەكلەر مەسىلىسىدە، رېن بىشى مۇنداق دېدى: ‹‹پىروفېسسور، ئوقۇتقۇچى، ئالىم، ئىنژېنېر، سەنئەتكارلار قاتارلىقلارنىڭ كۆپ قىسمى پومېشچىك، باي دېھقان ۋە كاپىتالىزم ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققانلار، بىراق ئۇلار ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ››. دېموكراتىك ھاكىمىيەت بۇنداق ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى قوغداش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ‹‹جۇڭگونىڭ ئەسلىدە بار بولغان زىيالىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن ئىش بېجىرىشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى ۋە ئۇلارنى ئىشلىتىشى كېرەك››، ‹‹فېئوداللىق تۈزۈمنى يوقىتىپ، بارلىق فېئوداللىق تۈزۈم بىلەن باغلىنىشلىق زىيالىيلارنى يەكلەشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بۇ خەلقنىڭ ئىشلىرىغا زىيانلىق...››

   ماۋ زېدۇڭ بۇ نۇتۇققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، شەخسەن تۈزىتىپ، تولۇقلاپ بېكىتىپ، ئۇنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەر ئىسلاھاتى سىياسىتى ھۆججىتى قىلىپ، ‹‹شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىپ، ھەممە گېزىتلەردە ئاشكارا ئېلان قىلىش ھەم كىتابچە قىلىپ بېسىش›› يوليورۇقىنى بەردى.

   رېن بىشى كەسىپ ۋە خىزمەتتە ‹‹100 قەدەم ماڭغىلى بولسا، 99 قەدەمدە توختاپ قالماسلىق كېرەك›› دېگەن ئۆلچەمگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، كېسەل تۇرۇپمۇ ئۇزاق ئىشلىدى. ئاخىر زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن، 1950 – يىلى 27 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدا 46 يېشىدا ۋاپات بولدى.

   رېن بىشى پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشنىڭ شانلىق ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشتىن ئايرىلالمايدۇ. پارتىيە تارىخى ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇش تارىخى. ھازىر بىز يەنىلا پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ تېلېگراممىسى)