باش بەت>شانلىق مۇساپە

جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۆرىشى

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-21 22:27:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:

  ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ،جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى خەلقنىڭ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ھەر خىل ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشىشىغا رەھبەرلىك قىلغان. مەسىلەن، 1932-يىلى 4- ئايدا سۈييۈەندە موڭغۇل ۋە خەنزۇلارنىڭ ھەر قايسى تەبىقە خەلقلىرى قاتناشقان جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بۈيۈك ئىتتىپاقى قۇرۇلغان، رىخى ۋە چاخاردا ئاممىنىڭ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى ۋە چارۋىچىلارنىڭ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغان. يەنئەندە موڭغۇل مەدىنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغان. 1938- يىلى 8- ئايدا خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا خۇيزۇلارنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى ئىچىلىپ ،جايلاردىكى خۇيزۇ تەشكىلاتلىرى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ ،ئوتتۇرا خېبېي رايونلۇق خۇيزۇلارنىڭ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش-دۆلەت قۇرۇش بىرلەشمىسى قۇرۇلغان،ئۇنىڭ شۆبىلىرى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان . شىزۇلار ئولتۇراقلاشقان فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقى ۋە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى رايونلاردا ئاياللار ئۇيۇشمىسى ، ياشلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش تەشكىلاتلىرى قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلاتلار ئۆز مىللەت خەلقىگە ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ،ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش توغرىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ، ھەر مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ياپۇن باسقۇنچىلىغا قارشى مىللىي قوراللىق كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى زور رول ئوينىغان .

   ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇرۇشى ئىدى ، شۇڭا ئۇ، خەلقنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلمايتتى، ھەر مىللەت خەلقى ھەر جەھەتتىن ھەر خىل شەكىل بىلەن ياپۇن باسقۇنچىلىرغا قارشى ئۇرۇشقا ياردەم بەرگەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى ئارقىلىق ،شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى پۇل ۋە كىيىم- كىچەك ئىئانە قىلىشقا قوزغىغان ، توپلانغان ئىئانە پۇلغا ‹‹ شىنجاڭ ›› ناملىق ئون قىرغۇچى ئايروپىلان سېتىۋېلىنغان، يەنە 80 مىڭ خۇرۇم چاپان، 10 مىڭ ئىگەر ۋە بىر تۈركۈم دورا توپلانغان . چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىمۇ 1938- يىلى 215مىڭ سەر كۈمۈش تەڭگە، 100 مىڭ پارچە قوي تېرىسى ۋە نۇرغۇن ئاشلىق ئىئانە قىلغان . شەرقىي شىمال رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋال ئاستىدا ، ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ كۆرەشلىرىگە پائال ياردەم بەرگەن.

   يۈننەن ۋە شىزاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان . ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بويىدىكى پورتلىرى دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن ، دېڭىز تىرانسىپورتى ئۈزۈلۈپ قالغان . بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ، غەربىي جەنۇپ چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقى يۈننەن – بىرما تاشيولىنى ياساشقا بىر نەچچە يۈز مىڭ خەلق ئىشچىسى ئاجراتقان . كۇنمىڭدىن چۇشۇڭ، شيا گۇەن ئارقىلىق بىرما بىلەن تۇتۇشىدىغان ۋەندىڭگىچە بارىدىغان بۇ تاشيولنىڭ ئۇزۇنلىقى 958 كىلومېتىر كېلەتتى، يەر تۈزۈلۈشى ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىدى ، شۇنداق بولسىمۇ ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەتتە جاپالىق كۈرەش قىلىپ ، سەككىز ئاي ئىچىدە بۇ مۇھىم خەلقئارا قاتناش لىنىيەسىنى ياساپ بولغان . 1942- يىلى ياپونىيە قوشۇنلىرى بىرمىنى بېسىۋالغان ، كېيىن ئېلىمىزنىڭ نۇجياڭ دەرياسىنىڭ غەربىدىكى رايونغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ، شۇنىڭ بىلەن يۈننەن – بىرما تاشيولى ئۈزۈلۈپ قىلىپ ، چەت ئەللەر ياردەم بەرگەن ئەشيالارنى كىرگۈزۈش مۈمكىن بولمىغان. غەربىي جەنۇبتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۇرۇش ئەشيالىرى ئېمپورت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، يەنە جۇڭگو – ھىندىستان تاشيولىنى ياسىغان . بۇنىڭدىن باشقا ياپونىيە قوشۇنى بىرمىدىن ئېلىمىزگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە ، ئۇ يەردىكى دەيزۇ، جىڭپو، ۋازۇ، لاخۇ، ئاچاڭ قاتارلىق مىللەتلەر ئوۋ مىلتىقى، پىچاق، قونداقلىق ئوقيا قاتارلىق قوراللار بىلەن ياپۇن ئەسكەرلىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، باشقا قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە ، يۈننەننىڭ غەربىي قىسمىدا تۇرۇشلۇق گومىنداڭ ئەسكەرلىرىگە ياردەم بەرگەن.

   ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ياپۇن باسقۇنچىلىغا قارشى ئۇرۇشتا باشتىن- ئاخىر ئادەم كۈچى ، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچى ئارقىلىق تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا شانلىق سەھىپە يازغان .