باش بەت>يەشمە

«يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىر قانچە مىزان» (1)

يوللانغان ۋاقىت:2016-11-24 13:20:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

مۇھەررىردىن:

پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا «يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىر قانچە مىزان» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك  نىزامى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، شى  جىنپىڭ يىغىندا پارتىيەنىڭ بۇ ئىككى مۇھىم ھۆججىتىنى ئىزاھلىدى. تۆۋەندە، «يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىر قانچە مىزان» توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىلىدۇ:


 

پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ مۇھىم رولى

پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇشتا ئىشنى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى باشقۇرۇشتىن باشلاش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا ئىشنى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى قاتتىق باشقۇرۇشتىن باشلاش كېرەك.

پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مەركەزلىك بىردەكلىكىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاش، پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مول تەجرىبىلەر توپلىنىپ، پارتىيەنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم رولى جارى قىلدۇرۇلدى.

پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى

1980-يىلى تۈزۈلگەن «پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىر قانچە مىزان»دا مۇھىم تارىخىي رول جارى قىلدۇرۇلدى، بۇنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە بەلگىلىمىسى ھازىرقى ۋەزىيەتكىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان بولۇپ، داۋاملىق چىڭ تۇرۇش كېرەك.

«مىزان» نىڭ مۇھىملىقى

«مىزان» نىڭ پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىلەر سىستېمىسىدىكى ئورنى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، «پارتىيە نىزامنامىسى» دىن كېيىنلا تۇرىدۇ.

پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر

غايە-ئېتىقاد مۇستەھكەم بولماسلىق، پارتىيەگە سادىق بولماسلىق، ئىنتىزامدا بوشىشىپ كېتىش، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش، ساختىپەزلىك قىلىش، دىتسىزلىق، ھورۇنلۇق

شەخسىيەتچىلىك، تارقاقچىلىق، لىبرالىزم، ياخشىچاقلىق، مەزھەپچىلىك، گۇرۇھۋازلىق، پۇلپەرەسلىك ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلىنىش

شەكىلۋازلىق، بىيۇكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك ئىستىلى مەسىلىسى گەۋدىلىك

ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنى ۋەزىپىگە قويۇش، ئەمەل كويىدا بولۇش، ئەمەل سودىسى قىلىش، قۇرۇق گەپ سېتىش، پارا بېرىپ سايلىنىش ھادىسىلىرىنى قايتا- قايتا چەكلىسىمۇ توختاتماسلىق

ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، چىرىكلىشىش، چۈشكۈنلىشىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، ئىنتىزامنى بۇزۇش قاتارلىق ھادىسىلەر يامراپ كېتىش

    بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئارىسىدىكى ئاز بىر قىسىملىرىنىڭ سىياسىي قارا نىيىتى كۈچىيىپ كېتىش، ھوقۇقپەرەسلىك ئىدىيەسى ئېغىر بولۇش، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئىتائەت قىلماسلىق، ئۆز ئارا تىل بېرىكتۈرۈپ ئەسكىلىك قىلىش، گۇرۇھۋازلىق قىلىش، گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇش، ھوقۇق تاماسىدا يۈرۈش قاتارلىق سىياسىي ھىيلىلەرنى ئىشلىتىش


«يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىر قانچە مىزان» نىڭ زۆرۈرلىكى

30نەچچە يىلدىن بۇيان، ۋەزىيەتكە ئالاقىدار  ۋەزىپە ۋە پارتىيەنىڭ ئىچكى ئەھۋالىدا زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ھەم زور يېڭى نەتىجە، يېڭى تەجرىبىلەر توپلاندى،  ھەم نۇرغۇنلىغان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر كۆرۈلدى. يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان ئۇلۇغ كۈرەشنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش، «تۆت چوڭ سىناق» قا بەرداشلىق بېرىپ، «تۆت چوڭ خەۋپ»نى يېڭىش ئۈچۈن، «يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىر قانچە مىزان»نى تۈزۈش زۆرۈر.

تەلەپ: «بىردە چىڭ تۇرۇش، تۆتكە كۈچەش»

پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنى، ئىدىيەۋى لۇشيەنى، تەشكىلىي لۇشيەنى ۋە ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش

پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىيۋىلىكى، دەۋرىيلىكى، پىرىنسىپچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىشكە كۈچەش

پارتىيەنىڭ ئۆز-ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇشى، ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆز-ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆز-ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا كۈچەش

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، ئايىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خېيىم-خەتەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا كۈچەش 

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىق بىرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى قوغداش


مۇھىم نۇقتا ۋە ئاچقۇچلۇق خادىملار

مۇھىم نۇقتا ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلار.

ئاچقۇچلۇق خادىملار يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار، بولۇپمۇ مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى.

بىرىنچىدىن، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش

بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە سىياسىي روھى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىردەكلىكىنى ساقلاشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى.

ماركسىزملىق ئېتىقاد، سوتسىيالىستىك ۋە كوممۇنىستىك ئېتىقاد ئۈستىدە ئۆمۈرلۈك ئىزدىنىش

پارتىيە قۇرۇلغان چاغدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كۈرەش قىلىش روھىنى مەڭگۈ ساقلاش

ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش 

پارتىيە ئىچىدىكى ئۆگىنىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش