باش بەت>يەشمە

«تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ يەشمىسى

يوللانغان ۋاقىت:2017-01-17 11:49:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى





تېررورىزم دېگەن نېمە؟

تېررورىزم زوراۋانلىق قىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، قورقۇتۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىش، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، باشقىلارنىڭ جىسمانىيىتىگە ۋە مال-مۈلكىگە چېقىلىش ياكى دۆلەت ئورگانلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا تەھدىت سېلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەشەببۇسى ۋە ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.



تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان ئاپپاراتلار قايسىلار؟

دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇپ، مەملىكەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك ۋە قوماندانلىق قىلىدۇ

رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرىدۇ

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجغا قاراپ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرىدۇ


(جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى، دۆلەتنىڭ باشقا ئالاقىدار ئورگانلىرى)

ئىش تەقسىماتى بويىچە خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىشلەيدۇ



ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قانداق مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقى بار؟

مەجبۇرىيىتى:

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىش، ماسلىشىش

تېررورلۇق ھەرىكىتى، دەپ گۇمان قىلغان ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى گۇماندارىنى بايقىغان ھامان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا مەلۇم قىلىش

ھوقۇقى:  

تېررورلۇق ھەرىكىتىنى پاش قىلغان ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، توسۇشقا ياردەملەشكەنلەر ھەمدە باشقا جەھەتلەردە ئالاھىدە تۆھپىسى بار ئورۇن ۋە شەخسلەر تەقدىرلىنىدۇ، مۇكاپاتلىنىدۇ.

تېررورلۇق ھەرىكىتىنى پاش قىلىپ ياكى توسۇپ، تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايى دېلوسىدا گۇۋاھچى بولۇش ياكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش سەۋەبلىك ئۆزى ياكى يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى خەۋپكە ئۇچرىغانلارغا، ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق ج خ ئورگىنى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تۆۋەندىكى بىر تۈرلۈك ياكى بىر قانچە تۈرلۈك قوغداش تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ:


ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى، تۇرۇشلۇق ئادرېسى ۋە خىزمەت ئورنى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىماسلىق


ئالاھىدە بەلگىلەنگەن خادىملارنىڭ قوغدىلىدىغان خادىملارغا يېقىنلىشىشىنى چەكلەش


جىسمانىيىتى ۋە تۇرالغۇسىغا مەخسۇس قوغداش تەدبىرى قوللىنىش


قوغدىلىدىغان خادىملارنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ، تۇرالغۇسى ۋە خىزمەت ئورنىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش


باشقا زۆرۈر بولغان قوغداش تەدبىرلىرى



«بەشنى قىلماسلىق»

ساختا تېررورلۇق ۋەقەسى ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقارماسلىق، تارقاتماسلىق

تەقلىد قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان تېررورلۇق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش تەپسىلاتىنى خەۋەر قىلماسلىق، تارقاتماسلىق

تېررورلۇق ۋەقەسىدىكى ئېچىنىشلىق، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتماسلىق

نەق مەيداندا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتچىلىرى، تۇتقۇنلارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تەستىقتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ خەۋەر قىلماسلىق، تارقاتماسلىق

 مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئەھۋالىنى تەستىقتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ خەۋەر قىلماسلىق، تارقاتماسلىق