باش بەت>نۆۋەتلىشىپ قويۇش

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يولداش جوۋ ئېنلەي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-03-02 16:30:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:بەختىگۈل ئابدۇشۈكۈر

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا يولداش جوۋ ئېنلەي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-مارت تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يولداش جوۋ ئېنلەي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئايدىڭلىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش غايەت زور كېمىسى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. يولداش جوۋ ئېنلەي ياشلىق دەۋرىدە: «ئارزۇيۇم−جۇڭخۇانىڭ دۇنيادا تېز قەد كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرۈش» دېگەن سۆزنى يېزىپ قالدۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە، بىز يولداش جوۋ ئېنلەي قاتارلىق بىر ئەۋلاد پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارغا: يېقىنقى زاماندىن بۇيان، نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، دەپ جاۋاب بېرەلەيمىز. يولداش جوۋ ئېنلەي ھايات ۋاقتىدا ئىنتايىن ئارزۇ قىلغان جۇڭگونى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا يېقىن كەلگۈسىدە تامامەن يەتكىلى بولىدۇ.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: جوۋ ئېنلەي، بۇ شەرەپلىك ھەم ئۆچمەس ئىسىم. بىز ھەر قېتىم بۇ ئىسىمنى تىلغا ئالغاندا ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلىمىز، تولىمۇ پەخىرلىنىمىز. يولداش جوۋ ئېنلەينىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىزدىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان شانلىق ھاياتىدا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرى، نامايان قىلغان يۈكسەك خىسلىتى جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ھەققانىيەت، ئادالەت ئىزدەيدىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش جوۋ ئېنلەينىڭ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق كۈرەش قىلغان كىشىلىك تۇرمۇش مۇساپىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغان تارىخىنىڭ جانلىق، ئىخچام كۆرۈنۈشى، يېڭى جۇڭگونىڭ ئاپىرىدە بولۇپ، دۇنياغا كېلىپ، ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە يۈكسەك خەلقئارا ئابرۇيغا ئىگە بولغان تارىخىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، جۇڭگو خەلقى ئۆزى تاللىغان ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش يولىدا جاپالىق ئىزدىنىپ، ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ، زەپەر قۇچۇپ ئىلگىرىلىگەن تارىخىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. يولداش جوۋ ئېنلەي يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتى ئارىسىدىن چىققان بىر نۇرلۇق چولپان، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك بايرىقى. يولداش جوۋ ئېنلەينىڭ ئالىيجاناب روھى، ئېسىل پەزىلىتى، ئۇلۇغ خىسلىتى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى تەسىرلەندۈردى ۋە يېتىشتۈردى. يولداش جوۋ ئېنلەينىڭ سىماسىدا نامايان بولغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئالىيجاناب روھى تارىخقا، شۇنداقلا دەۋرگە مەنسۇپ بولۇپ، بىزنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: يولداش جوۋ ئېنلەي ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئېتىقادنى چىڭ ساقلاشنىڭ قالتىس ئۈلگىسى. غايە ۋە ئېتىقاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ سىياسىي جېنى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ توختىماي كۈرەش قىلغانلىقى، چەكسىز ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن بولسىمۇ پولاتتەك تاۋلانغانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئۇلۇغۋار غايە ۋە ئىنقىلابىي ئېتىقادقا بولغان ئىشتىياق باشتىن-ئاخىر ئىللىق نۇر چېچىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىز يولداش جوۋ ئېنلەيدىن ئۆگىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ كوممۇنىست، ئىنقىلابچى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالماي، ھەرقانداق ۋاقىتتا غايە-ئېتىقادىمىزنى يوقاتماي، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش جوۋ ئېنلەي پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئومۇملۇقنى قوغداشنىڭ قالتىس ئۈلگىسى. بىز يولداش جوۋ ئېنلەيدىن ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى باشتىن-ئاخىر چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشنى تۈپ سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: يولداش جوۋ ئېنلەي خەلقنى قىزغىن سۆيۈش، ھۆكۈمەت ئىشىنى تىرىشىپ ئىشلەش، خەلقنى كۆزلەشنىڭ قالتىس ئۈلگىسى. «خەلقنىڭ زۇڭلىسى خەلقنى سۆيىدۇ، خەلق خەلقنىڭ زۇڭلىسىنى سۆيىدۇ». خەلق ئاددىي تىلى ئارقىلىق يولداش جوۋ ئېنلەيگە بولغان ئەڭ سەمىمىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. پارتىيەمىز خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئاممىدىن ئايرىلسىلا، ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىدۇ. بىز يولداش جوۋ ئېنلەيدىن ئۆگىنىپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى بارلىق پائالىيەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، خەلققە تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش جوۋ ئېنلەي ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش، مەڭگۈ كۈرەش قىلىشنىڭ قالتىس نەمۇنىسى. پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولۇشى، باشتىن-ئاخىر قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. بىز يولداش جوۋ ئېنلەيدىن ئۆگىنىپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزۈل-كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ماھارىتى ۋە سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكچى كۈچى، ئاممىنى تەشكىللەش كۈچى، ئىجتىمائىي چاقىرىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچى ۋە كۈچلۈك جەڭگىۋار كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش جوۋ ئېنلەي مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، ئاخىرقى نەپسىگىچە بەجانىدىل ئىشلەشنىڭ قالتىس نەمۇنىسى. بىز يولداش جوۋ ئېنلەيدىن ئۆگىنىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، زىددىيەتكە دادىل يۈزلىنىپ، مەسىلە ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان روھ ۋە «مىخ قېقىش» روھى بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت، خەلق ۋە تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىپ، دەۋر، خەلق ۋە تارىخ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش جوۋ ئېنلەي ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، پاك-دىيانەتلىك بولۇشنىڭ قالتىس نەمۇنىسى. پارتىيە ئىستىلى پارتىيەنىڭ ئوبرازى. بىز يولداش جوۋ ئېنلەيدىن ئۆگىنىپ، قولىمىزدىكى ھوقۇقنى پارتىيە ۋە خەلق بەرگەنلىكىنى، ئۇنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئىشلىتىشىمىز كېرەكلىكىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، ۋىجدانلىق، پاك-دىيانەتلىك، ئىستىلى دۇرۇس بولۇپ، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلقتىن، تەشكىلدىن، قانۇن-ئىنتىزامدىن ھېيىقىشنى بىلىپ، چىرىتىشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزىمىزگە ھەرگىز داغ تەگكۈزمەي، ھەرگىزمۇ ئىمتىيازلىق بولۇۋالماي، ھەرگىزمۇ ھوقۇقىمىزدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىمىزگە چوغ تارتماي، ئادىل، دۇرۇس كوممۇنىستلاردىن بولۇشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە يولداش جوۋ ئېنلەينىڭ ئۇلۇغ، شەرەپلىك ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، يولداش جوۋ ئېنلەينىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يولداش جوۋ ئېنلەينىڭ ئالىي پەزىلىتى ۋە روھىي خىسلىتىنى ئۆگىنىشكە چاقىردى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ يولداش جوۋ ئېنلەي قاتارلىق بىر ئەۋلاد پېشقەدەم ئىنقىلابچىلار باشلىغان ئۇلۇغ ئىشلارنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. جايلار ۋە تارماقلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لېڭ رۇڭ، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چۈ چىڭشەن، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى دىڭ شۆدۇڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى پەن لىگاڭ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مياۋ خۇا، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لوۋ چىنجيەن ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

 

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى قىسمەن رەھبىرىي يولداشلار، مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، بېيجىڭ شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مەسئۇللىرى، يولداش جوۋ ئېنلەينىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى، ئىلگىرى يېنىدا خىزمەت قىلغان خادىملار ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.