باش بەت>تەسىرات

«1-ئىيۇل» سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرەيلى

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-10 20:54:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى: ئەنۋەر تۇرسۇن

     باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 95 يىلدىن بۇيان پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلغانلىقىدەك تارىخىي مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىسىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ياراتقان قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ سەككىز جەھەتتىكى تەلىپىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. سۆز دەبدەبىلىك، چوڭقۇر مەنىلىك بولۇپ، كۈچلۈك تارىخ تۇيغۇسى ۋە دەۋر تۇيغۇسىغا، روشەن ئىستراتېگىيەلىك، ئىدىيەۋىلىك، يېتەكچىلىككە ئىگە. پارتىيەمىزنى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشقا يېتەكلەيدىغان مۇھىم پىروگرامما، شۇنداقلا «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىدىكى بىر قېتىملىق جانلىق، سىستېمىلىق، چوڭقۇر بولغان پارتىيە دەرسى؛ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم يېڭىلىق، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ پۈتكۈل مەملىكەت، پۈتكۈل دۇنياغا چىقارغان دەۋر خىتابنامىسى ۋە دەبدەبىلىك ۋەدىسى.

     باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل» مۇھىم سۆزى خىتابنامە، تەشۋىقاتنامە، ئۇقتۇرۇشنامە بولۇپ، مەزمۇنى مول، تىلى ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك، پارتىيەۋىلىك، خەلقچىللىق روھىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، پۈتكۈل پارتىيە، پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل» مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مېڭىگە، قەلبكە سىڭدۈرۈشىمىز، ئەڭ مۇھىمى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

     بىرىنچى، سۆزنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغۋار غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە غايە - ئېتىقادنىڭ كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي روھى، كىشىلىك ھاياتتىكى ماياك، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈرىشىدىكى ئۈزۈلمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، «مەنىۋى كالتسىي»، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس، قىلچە تەۋرەنمەس ئىزدىنىشى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. «نەزەرىيە ھەرىكەتنىڭ يېتەكچىسى، سىياسىي جەھەتتىكى قەتئىيلىك نەزەرىيە جەھەتتە سەگەك بولۇشتىن كېلىدۇ». ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش چوڭقۇرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مۇرەككەپ بولغان خەلقئارا ۋە ئىچكى ۋەزىيەت،  نۆۋەتتىكى ۋىلايىتىمىزنىڭ «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىش» تەك ئالاھىدە مەزگىلى ئالدىدا، ماركسىزمنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشىمىز زۆرۈر. غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىشتا ئۆگىنىش داۋامىدا لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش داۋامىدا ئۆگىنىش كېرەك. رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئېتىقادتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشنى ئىزدىنىش قىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسىي- ئىدىيە سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش پوزىتسىيەسىدە بولساملا، ئىدىيەدىكى گۇمان، تونۇشتىكى يېتەرسىزلىك، ئەمەلىيەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايمەن، ماركسىزملىق غايە - ئېتىقادتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى بىرىكتۈرۈپ، بىلىش بىلەن ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلالايمەن.

     ئىككىنچى، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئادا قىلىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1- ئىيۇل» مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىشتە ئەڭ مۇھىمى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە، ئىش ئورنىمىزغا قويۇپ، ھەربىر خىزمەتنى ئەمەلىي، ئىنچىكە ئىشلەپ، «مەركەز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىزنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىمىز» دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ۋىلايەتلىك پارتكوم بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1- ئىيۇل» مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىشتە ئەڭ مۇھىم ئاچقۇچ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيەسى ۋە مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەش بىر» قوشماقلاردىن بولۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، سىڭىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز؛ پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ دىن خىزمىتىدە جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دىننىڭ ئىجتىمائىي رولىغا دىيالېكتىكىلىق نۇقتىدىن قاراپ، دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دىننىڭ قانۇنىيىتى بويىچە دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىشىمىز؛ «ئىككى ھۆججەت، بىر نىزام»نى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەش ئاچقۇچ»تىن جانلىق، ياخشى پايدىلىنىپ، «تۆت جەھەتتىن تەڭ باشقۇرۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، دىن ساھەسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈچلۈك بېرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشىمىز؛ پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلارنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇشىمىز؛ ئىتتىپاقلىشىش، مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكلەش، تەربىيەلەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا ئىلھاملاندۇرۇش، مەدەت بېرىشنى، بىر قولدا تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى تۇتۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ - يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى ۋە كىشى قەلبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 13- بەش يىللىق يىرىك پىلان نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك كۈچ مەدىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1- ئىيۇل» مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ تۈپ نېگىزى قەشقەرنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى چۆرىدەپ، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ، بىرلىك سەپنىڭ ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش،  ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىقلارنى زىچ چۆرىدەپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، بىرلىك سەپتىكى ھەرقايسى ساھە ۋە ھەر ساھە زاتلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت.

     ئۈچىنچى، سۆزنىڭ روھىنى پۇرسەت بىلىپ، بىرلىك سەپ كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. «دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت سۆزنىڭ ئاساسىي تېمىسى ۋە يادروسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل» مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك بىرلىك سەپ سىستېمىسىنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىشىمىز كېرەك. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەپسىلىي ئۆزلەشتۈرۈش، جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيلىق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەك بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنىڭ تەلىپى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش، ئەخلاقلىق بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاڭلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، «تۆتكە ئەھمىيەت بېرىش، تۆتكە ئىگە بولۇش»، «ئۈچ ئالاھىدە» ۋە «تۆتتە كۈچلۈك، ئۈچ ئىقتىدار بولۇش» ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرلىك سەپ كادىرلىرىنىڭ سىياسەت سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدار ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەگە كىرىشتىكى دەسلەپكى مەقسەتنى، ئىدىيەدىكى دەسلەپكى مەقسەتنى، ئېتىقادتىكى دەسلەپكى مەقسەتنى، بۇرچ ئىزدىنىشىنى ئۇنۇتماي، تەلەپچان، راستچىل بولۇپ، «سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئومۇمىيلىقنى نەزەردە تۇتىدىغان، قائىدە ئۇقىدىغان، ئىنتىزامغا بويسۇنىدىغان، يۇقىرى ساپالىق» بىرلىك سەپ كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.