باش بەت>ئاۋانگارتلار شەجەرىسى

ماۋ ئەنيىڭ

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-04 14:52:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

    

    چاۋشيەن پيوڭئان ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خوئېچاڭ ناھىيەسىدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمى ئىنقىلابىي قۇربانلىرى قەبرىستانلىقىدىكى بىر قەبرىنىڭ ئالدىغا ‹‹ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ ئەنيىڭنىڭ قەبرىسى›› دېگەن خەت ئويۇلغان بىر مېتىر ئېگىزلىكتىكى گىرانىت تاش قويۇلغان.

    ماۋ ئەنيىڭ 1922 – يىل 10 – ئاينىڭ 24 – كۈنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1936 – يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا چىققان. 1939 – يىلى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان ۋە ياچېيكا شۇجىسى بولغان. 1943 – يىلى 1 – ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان(1946 – يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىقىغا يۆتكەلگەن). ھەربىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن لېيتېنانتلىق ئۇنۋانى ئالغان، سوۋېت ئارمىيەسى بېلارۇسىيە بىرىنچى يۆنىلىش ئارمىيەسى تانكا روتىسىنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك قايتۇرما ھۇجۇمغا قاتناشقان.

    1945 – يىلى ۋەتەنگە قايتىپ، يەنئەنگە بارغان. 1950 – يىل 10 – ئاينىڭ 7 – كۈنى جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمى چاۋشيەنگە ئاتلىنىش ھارپىسىدا، يېڭى توي قىلغان ماۋ ئەنيىڭ ئۆيىدە پىدائىيلار قىسىمىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە سىياسىي كومىسسارى پېڭ دېخۇەينى ئۇچرىتىپ قېلىپ، چاۋشيەنگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلغان. 10 – ئاينىڭ 19 – كۈنى جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابىدىكىلەر بىلەن بىللە چاۋشيەنگە كىرگەن. 11 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇش باشلانغان. چاۋشيەن پيوڭئان ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى دايۈتۇڭدىكى پىدائىيلار قىسىمى قوماندانلىق ئىشتابىدىن پات – پات تېلېگرامما يوللانغاچقا، ئامېرىكا ئارمىيەسى ‹‹بۇ يەردە پىدائىي قىسىمنىڭ مۇھىم ئورگىنى بار ئىكەن››، دېگەن تونۇشقا كېلىپ، بۇ يەرنى بومباردىمان قىلىشقا ئايروپىلان ئەۋەتكەن. پىدائىيلار قىسىمى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئۈستىدە تۇيۇقسىز ‹‹قۇلان›› ناملىق تۆت كۈرەشچى بومباردىمانچى ئايروپىلان پەيدا بولۇپ، نەچچە ئون قاتۇرۇلغان بېنزىن بومبىسى تاشلىغان، شۇئان ھەممە يەرنى ئوت ئېلىپ، ئاسمان – پەلەك يالقۇن كۆتۈرۈلۈپ، 1000 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ھارارەت پەيدا بولغان. ئۇرۇش بۆلۈمىدە جىددىي ئىشلەۋاتقان ماۋ ئەنيىڭ بەختكە قارشى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. ماۋ ئەنيىڭ ماۋ زېدۇڭ ئائىلىسىدىن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي ئىشلىرى ۋە يېڭى جۇڭگونىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش يولىدا قۇربان بولغان ئالتىنچى كىشى ئىدى.

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلېگراممىسى)