باش بەت>خەۋەرلەر

ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى تولۇق ئورۇنلىشىپ بولدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-02-26 18:27:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

«ئۆتكۈر شەمشەر» يەنە قىنىدىن سۇغۇرۇلدى

ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى تولۇق ئورۇنلىشىپ بولدى

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 24- فېۋرال تېلېگراممىسى. 2-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغىچە ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىغان 15 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى ئۈچ كۈنىدە 30 جاي ۋە ئورۇننىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا ئورۇنلىشىپ، مەركەزنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى تۇنجى نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىدە خېبېي، سەنشى، لياۋنىڭ، خېيلۇڭجياڭ، جياڭسۇ، فۇجيەن، شەندۇڭ، خېنەن، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، خەينەن، سىچۈەن، گۇيجۇ، نىڭشيا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو «خۇاديەن» گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو «يۈەنياڭ» دېڭىز تىرانسپورتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، «جۇڭلياڭ» گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ھەممىباب تېخنىكا (گۇرۇھى) پاي كونترول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى شىركىتىدىن ئىبارەت 30 جاي ۋە ئورۇننىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مۇنتىزىم كۆزىتىشنى قانات يايدۇرىدۇ. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 1-نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا چېتىلىدىغان شېنياڭ، داليەن، خاربىن، نەنجىڭ، شيامېن، جىنەن، چىڭداۋ، گۇاڭجۇ، شېنجېن، چېڭدۇدىن ئىبارەت ئون مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىردەك كۆزىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  كۆزىتىلىدىغان جاي ۋە ئورۇنلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئورۇنلىشىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى باشلىقىنىڭ پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدىغان كۆزىتىش خىزمىتىگە قويغان تەلىپى يەتكۈزۈلدى، كۆزىتىلىدىغان جاي ۋە ئورۇنلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ياڭ شياۋدۇ، چېن شى ۋە مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار ئەزالىرى قىسمەن كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئورۇنلىشىش سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم سۆز قىلىپ، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ نوپۇزىنى نامايان قىلدى.

  تەلەپكە ئاساسەن، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى سىياسىي كۆزىتىش ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى سىياسىي ئۆلچەم قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھالقىلىق ئاز سانلىقلارنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي ئېغىشنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنى تۈپ سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالى، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، ئادەم تاللاش-ئىشلىتىش ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش ۋە «تۆت خاھىش»نى تۈزەش ئەھۋالى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك-تەلەپچان بولۇش ۋە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىشىش مەسىلىلىرىنى تۈزەش ئەھۋالى، شۇنداقلا ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەت ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈرىدۇ. كۆزىتىش، نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى بايقاپ، تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىدۇ.

  ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، مەركەزنىڭ بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىدە، مەركەزنىڭ 15 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كۆزىتىلىدىغان جاي ۋە ئورۇنلاردا ئۈچ ئاي خىزمەت قىلىدۇ، ۋاقتى ھازىردىن باشلاپ 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولىدۇ. مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى، مەخسۇس پوچتا خەت ساندۇقى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنىپ، شۇ جاي، شۇ ئورۇننىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى، بىر دەرىجە تۆۋەن پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە مۇھىم ئىش ئورنىدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسىلىسى ئىنكاس قىلىنغان خەت-چەك، تېلېفون، ئەرز، بولۇپمۇ سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پاش قىلىنغان ۋە ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر نۇقتىلىق قوبۇل قىلىنىدۇ.