باش بەت>خەۋەرلەر

ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-02-26 13:03:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:بەختىگۈل ئابدۇشۈكۈر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ،

ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى يىغىن ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىنى بۇ يىل 2-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىشنى قارار قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركىزىي كومىتېتقا بەرگەن خىزمەت دوكلاتى مۇزاكىرە قىلىندى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى»نىڭ تېزىسىغا پارتىيە ئىچى-سىرتىدا مەلۇم دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»نىڭ تېزىسىنى مۇزاكىرە قىلدى، بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان پىكىرگە ئاساسەن، تۈزىتىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ھۆججەت تېزىسىنى ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى − جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بىز «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بەزى مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق. ھازىر يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تەلەپ ئالدىدا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە فۇنكسىيەنىڭ تەقسىملىنىشى «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلىپىگە تېخى تولۇق ئۇيغۇنلىشالمايۋاتىدۇ.

يىغىندا ماۋۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنىڭ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر جەزمەن ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسىدا ساقلىنىۋاتقان توسالغۇ ۋە نۇقسانلارنى تۈگىتىشكە ئىرادە باغلاپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى يېتەكچى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئاپپارات تەسىس قىلىشنى ئىسلاھ قىلىپ، فۇنكسىيە تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، فۇنكسىيەنى، ئۇسۇلنى، ئىستىلنى ياخشىلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈنۈم ۋە ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىدا كۆرسىتىلىدىغان دۆلەت ئاپپاراتلىرى رەھبىرىي خادىملىرىنىڭ تەۋسىيە نامزاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدا كۆرسىتىلىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبىرىي خادىملىرىنىڭ تەۋسىيە نامزاتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىندا يۇقىرىقى مەزمۇنلارنى ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارالمىسى قىلىش بېكىتىلدى.

يىغىندا گوۋۇيۈەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدىغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ تېزىسى مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئۆتكەن بەش يىلدا ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدى. ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2017-يىلىدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بەزى مۇھىم كۆرسەتكۈچلەر مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە ئېشىش بىلەن سۈپەت، قۇرۇلما، ئۈنۈم بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

يىغىندا ماۋۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلاشتۇرىدىغان ھالقىلىق يىل. ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي خىزمەت رىتىمىدا، يېڭى تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلاندۇرۇش تەلىپى بويىچە «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش، بولۇپمۇ زور خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىنى ياخشى قىلىش جەھەتلەردە پۇختا ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆزلىمىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا ماۋۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشتا، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ سىجىللىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۇللۇق، ھالقىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمالنى ئاشۇرۇپ ۋە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.