باش بەت>خەۋەرلەر

ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى مەركەزنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرەيلى

يوللانغان ۋاقىت:2018-03-02 16:44:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:بەختىگۈل ئابدۇشۈكۈر

ــ بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلدى

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى» ماقۇللىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق قارىدى: ئىسلاھات ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، فۇنكسىيە تەقسىماتىنى ياخشىلاپ، فۇنكسىيەنى، ئۇسۇلنى، ئىستىلنى ياخشىلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز.

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش.

بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ماۋۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بەزى مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ياساشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تەلەپكە قارىتا، ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە فۇنكسىيەنىڭ تەقسىملىنىشى «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەلىپىگە تېخى تولۇق لايىقلىشالمىدى.

دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان پارتكومىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن شۇجىسى چۈ جياماۋ مۇنداق دېدى: ئىككى «تېخى تولۇق لايىقلىشالماسلىق» مەركەزنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۇتقا»نى چىڭ تۇتقانلىقى، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقى، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى بىرتۇتاش پىلانلىغانلىقى، ئومۇمىي ئىشلارنى تۇتىدىغانلىقى، باش ئاغرىسا باشنى، پۇت ئاغرىسا پۇتنى داۋالايدىغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى، بۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىشنىڭ ئابىدىسى بولۇپ قالغۇسى.

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مۇنداق قارىدى: ئومۇمىي يىغىن پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى، بۇ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ مۇقىم، ئۇزاققا داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولغۇسى.

دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى جامائەت باشقۇرۇش ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى سۇڭ شىمىڭ مۇنداق دېدى: يولغا قويۇلىدىغان پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى بىر مەيدان ئومۇميۈزلۈك، ئىستېرېئولۇق، ئىستراتېگىيەلىك تەشكىلىي ئۆزگىرىش بولۇپ، دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قېتىمقى ئىسلاھات نوقۇل ھالدىكى مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بولماستىن، بەلكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ نوقۇل ھالدىكى ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتى بولماستىن، بەلكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلات ئاپپاراتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئىسلاھاتى؛ نوقۇل ھالدىكى مۇكەممەل بولغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش بولماستىن، بەلكى زامانىۋىلاشقان جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش بولىدۇ.

ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلار 1-باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ لۇشيەن ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئالاقىلىشىش دائىرىسى كەڭ بولغان، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاممىۋى تەشكىلات خىزمەت سىستېمىسى»نى شەكىللەندۈرۈشكە قارىتا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى ئورگىنى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن ۋەزىپە بىلەن چېنىقىدىغان كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن زور ئىلھام ئالدىم، ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئىسلاھات نىشانى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ.

ئومۇمىي يىغىندا ماۋۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىزنىڭ مۇشۇنداق چوڭ دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىشىمىزدا مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سىياسەت ۋە باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى دۇ خەيفېڭ مۇنداق قارىدى: ئىسلاھاتتا بىر تەرەپتىن، مەركەز ۋە يەرلىك ئاپپاراتلارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپە نىشانىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەركەز ئاپپاراتلىرىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە نوپۇزىنى كۈچەيتىشى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مەركەز ئاپپاراتلىرى مۇناسىۋەتلىك تۈزۈم، سىياسەتلەرنى بېكىتكەندە، مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، رايون پەرقى، تەرەققىيات پەرقىنى تولۇق ئويلىشىشى، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشى، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە تېخىمۇ قاراتمىلىق تەكشۈرۈپ باھالىشى كېرەك.

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى. ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلار 1-ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زو شۈەن ماۋۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان قارار ۋە لايىھەلەر پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، كادىرلار ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغۇسى. تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش، ئىسلاھات لايىھەسىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تېگىشلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشتەك باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار.

جېجياڭ ئۆلكىسى شيەنجۈ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لىن خۇڭ ماۋۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسىي قاتلامغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى تېزدىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم-كوتسىز ياخشى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق سوزۇلما ئېغىر كېسەل، جاھىل كېسەللەرنى تۈگىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنىڭ، ئىككى «100 يىل» كۈرەش نىشانىغا يېتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ماۋۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىدىيە، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28-فېۋرال تېلېگراممىسى)