باش بەت>خەۋەرلەر

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىن ئۈزۈندىلەر» (خەنزۇچە-ئىنگلىزچە نۇسخىسى) نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-03-02 13:15:00 مەنبە:ئەكرەمجان ئەكبەر مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28-فېۋرال تېلېگراممىسى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىن ئۈزۈندىلەر» (خەنزۇچە-ئىنگلىزچە نۇسخىسى) يېقىندا چەت ئەل تىل- يېزىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ دۆلەت ئىچى-سىرتىدا تارقىتىلدى.

  2017-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغانىدى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ مۇھىم ھۆججەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە مول مەزمۇنىنى ئۆگىنىشى ھەم چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى (گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى) شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جۇڭگو چەت ئەل تىل-يېزىقى نەشر قىلىش-تارقىتىش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە بۇ كىتابنى تۈزدى.

  «دوكلاتتىن ئۈزۈندىلەر» پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىن ئېلىنغان بولۇپ، جەمئىي 16 باب، ئۇنىڭدا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي نەتىجىلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، مۇھىم ھۆكۈم، مۇھىم تەدبىرلەر تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «دوكلاتتىن ئۈزۈندىلەر»نىڭ مەزمۇنى ئىخچام، قۇرۇلمىسى ئېنىق، ئوقۇشچانلىقى كۈچلۈك، بۇ، بارلىق كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەدبىرى ۋە جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يولى، ئىچكى-تاشقى سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ كىتابنىڭ فىرانسۇزچە، رۇسچە، ئەرەبچە، ئىسپانچە، پورتۇگالچە، گېرمانچە، ياپونچە نەشر نۇسخىلىرى يېقىندا كەينى-كەينىدىن نەشر قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا تارقىتىلىدىكەن.