باش بەت>تارىخ

يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھەر لوپ 

يوللانغان ۋاقىت:2015-12-03 10:21:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:

 

لوپ ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرقى چىرا ناھىيەسى بىلەن، جەنۇبى ۋە غەربى خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى بىلەن دەريا ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ. شىمالى ئاقسۇ شەھىرى، ئاۋات ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ. 

     لوپ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن (خوتەن) بەگلىكىنىڭ زېمىنى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تاڭ سۇلالىسى تەسىس قىلغان تۇتۇقبەگ مەھكىمىسى ئىدارە قىلغان. 1902 – يىلى 8 – ئايدا ناھىيە تەسىس قىلىنىپ خوتەن ئايمىقىغا، 1928 – يىلى خوتەن مەمۇرىي رايونىغا، 1950 – يىلى خوتەن ۋىلايىتىگە تەۋە بولغان.

    لوپ ناھىيەسىنىڭ ئېتمولوگىيەسى ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلار مەۋجۇت. بەزىلەر ‹‹لوپ›› دېگەن نام قەدىمكى ‹‹لوپ›› كۆلىنىڭ نامىدىن كەلگەن دەيدۇ. رۇسىيەلىك تارىخشۇناس رادلوف ‹‹لوپ›› سۆزىنى ‹‹چوڭ دۈگىلەك››، ‹‹كېسىك – كېسىك››، يەنى چوڭ چەمبەر سۇ، پارچە – پارچە سۇ دېگەنلىكتۇر، دەپ ئىزاھلايدۇ. ‹‹دەريا – ئېقىنلار ھەققىدە خاتىرە›› ناملىق تارىخىي كىتابتا: ‹‹ لوپ ئۇيغۇر تىلىدا يىغىلغان سۇ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، تاغنىڭ جەنۇبىدىن ئېقىن سۇلار يىغىلغاچقا، شۇنداق ئاتالغان›› دەپ خاتىرىلەنگەن. تارىخچى سىن جۇڭميەن ئەپەندى ‹‹لوپ›› سۆزىنى قەدىمكى سۇغدى تىلىدىكى ( ‹‹NOC›› يېڭى) دېگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېگەن قاراشتا بولغان. 

 

    لوپ ناھىيەسىدە ئاقسېپىل قەدىمىي شەھىرى، راۋاق بۇددا بۇتخانىسى خارابىسى، سامپۇل قەدىمكى قەلئە قەبرىستانلىقى، ياڭاق دەرىخى شاھى، ئەنجۈر دەرىخى شاھى، ئۈزۈم تېكى شاھى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى ۋە مەنزىرىگاھلار بار.