باش بەت>تارىخ

بۇلاق كوچىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

يوللانغان ۋاقىت:2016-05-24 17:52:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:

   ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات كوچىلىرىدا سەيلە قىلىپ يۈرگىنىڭىزدە، قاتار - قاتار ئاشپۇزۇللارنى كۆرىسىز، بۇرنىڭىزنى غىدىقلاۋاتقان مەززىلىك تائاملارنىڭ ھىدىغا مەستخۇش بولغان ھالدا قەدەملىرىڭىزنى ئاستىلىتىپ، قايسى ئاشپۇزۇلغا كىرىشنى بىلەلمەيلا قالىسىز. بۇرنىڭىزنى غىدىقلاۋاتقان مەززىلىك پۇراقلار چىقىپ تۇرغان بۇ جاي بۇلاق كوچىسى (سەنشىخاڭزا). بۇلاق كوچىسى دۆڭكۆۋرۈك بىلەن ئاققوۋۇق ئارىسىدا بولۇپ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي، شۇنداقلا تىجارەتچىلەر غالتەكلىرىنى ئىتتىرىپ، يايما يېيىپ سودا قىلىدىغان قايناق بازار.
  بۇلاق كوچىسىغا يانداش بولغان بوغدا كوچىسى ھەم جەنۇبىي ئازادلىق يولى ۋە مىللەتلەر كوچىسىنىڭ ئەتراپى يىل بويى ئىنتايىن ئاۋات بولۇپ، توخۇ سۈتىدىن باشقا نەرسە تېپىلىدۇ. بۇ يەردىكى دۇكانلار ئەينى ۋاقىتتىكى كونا دۇكانلارنىڭ ئىزىغا يېڭىلىنىپ سېلىنغان بولغاچقا، ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىزنالار قالمىغان. كۆز ئالدىڭىزدىكى بۇ ئاۋات مەنزىرىنى كۆرۈپ، بىرەر يۈز يىل ئىلگىرىكى ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان بۇ جاينىڭ ئەسلىدە چەكسىز كەتكەن دالا ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈڭىز كەلمەيدۇ. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بۇ جاي ياقا يۇرتلاردىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر، سودا سېتىقچىلارنىڭ جەننىتى ئىدى. ھازىر بولسا ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان زامانىۋى تۈسكە ئىگە ئاۋات كوچىغا ئايلاندى.
  يېقىنقى بىرقانچە يىلدا ھۆكۈمەت بۇلاق كوچىسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كوچىدا قويۇق تارىخىي ئىزنالار ساقلىنىپ قالغان بولغاچقا، يەنىلا ئىنتايىن ئاۋات، سىرتتىن ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە ۋە تىجارەتكە كەلگەن ھەرقانداق كىشى بۇ كوچىغا كەلمەي كەتمەيدۇ.