باش بەت>تارىخ

قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت ـــ مىرەن قەدىمكى شەھىرى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-11 18:33:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:

 

   مىرەن قەدىمكى شەھىرى لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن ئون كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. چاقىلىق ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 80 كىلومېتىر، لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىدىكى كىروران قەدىمكى شەھىرىگە تەخمىنەن 260 كىلومېتىر كېلىدۇ. مىرەن قەدىمكى شەھىرى 2000 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە. قەدىمكى شەھەر خارابىسى قەدىمكى قەلئە، شەرقىي چوڭ ئىبادەتخانا ۋە غەربىي چوڭ ئىبادەتخانىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان.

   قەدىمكى قەلئە تۈبۈتلەر دەۋرىدىكى ھەربىي قەلئە بولۇپ، جەنۇبى بىلەن شىمالىنىڭ كەڭلىكى 56 مېتىر، شەرقى بىلەن غەربىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 70 مېتىر كېلىدۇ، قەدىمكى قەلئەنىڭ شەكلى تۆت چاسا، سېپىللىرى ئېگىز ۋە چوڭ كۆرۈنىدۇ. سېپىلنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرى يەتتە مېتىردىن ئاشىدۇ. شىمالىي قىسمى پەلەمپەيسىمان دۆڭ بولۇپ، تۆۋەندىن قەلئەنىڭ شىمالىي سېپىلىغىچە دۆڭگە يۆلەپ تۇرالغۇ سېلىنغان، تۇرالغۇ تەكشى ئۆگزىلىك بولۇپ، ئىشىكنى كۆرگىلى بولمايدۇ. قەلئەنىڭ شەرقىدە چوڭ بىر تۇرالغۇ بولۇپ، جەنۇبىدا 13 مېتىر ئېگىزلىكتە سۇپا بار، سۇپىنىڭ ئۈستىگە خادا ئورنىتىلغان بولۇپ، تۇرغا ئوخشايدۇ. قەلئەنىڭ شەرق ۋە غەرب ئىككى تەرىپىدە بۇددا مۇنارلىرى ۋە چوڭ ئىبادەتخانا خارابىسى بار.

   شەرقىي چوڭ ئىبادەتخانا ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئىمارەت بولۇپ، يۇقىرى ۋە تۆۋەن ئىككى قاتلامغا ئايرىلىدۇ، سىرتقى ئايلانمىسىدا ئېگىز ھويلا سېپىلى بولۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدە چوڭ بىر بۇت تەكچىسى بار. تەكچىنىڭ ئىچىدە بۇدساتۋا ۋە تەڭرىلەر ھەيكىلى، ئاستىدىكى تۆت ئەتراپىدا تۈۋرۈك بېشى بار. بۇت قەسرى خارابىسىنىڭ شەرقىدىكى ئىمارەتنىڭ ئاستىدا چوڭ بۇتنىڭ ھەيكىلى ۋە يەرگە تاشلىنىپ قالغان بۇت بېشى بار.

   غەربىي چوڭ ئىبادەتخانا شەرقىي چوڭ ئىبادەتخانىغا قارمۇ قارشى قىلىپ سېلىنغان بۇددا ئىبادەتخانىسى بولۇپ، ئۇ تۆت چاسا شەكىللىك ئۇلنى مەركەز قىلغان. ئىبادەتخانا ئۇلىنىڭ ئۈستىگە دىيامېتىرى ئۈچ مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان يۇمىلاق ئىمارەت سېلىنغان. بۇددا ھەيكىلى جانلىق، نەقىشلىرى ۋە رەسىملەر تولىمۇ گۈزەل، ئىخچام بولۇپ، جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ – مەدەنىيەت سەنئەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.

   1907 – يىلى ئەنگلىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى سىتەيىن مىرەن قەدىمكى شەھىرىدىن ‹‹قاناتلىق پەرىشتە›› ناملىق بىر تام رەسىمنى بايقاپ، ياۋروپا مەدەنىيەت ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان. شۇنىڭدىن كېيىن مىرەن قەدىمكى شەھىرى يىپەك يولىدىكى شەرق – غەرب مەدەنىيىتى ئالاقىسىنىڭ ئىسپاتىغا ئايلىنىپ، پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان. 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرى كىشىلەر بۇ يەردە خەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە ئۆستەڭ قاتارلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سىستېمىسى ۋە قۇمغا كۆمۈلۈپ قالغان سالا ئېتىزلارنى بايقىغان. 1973 – يىلى شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى مىرەن قەدىمكى دەرياسىنىڭ يېنىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۈبۈتلەرنىڭ قەدىمكى قەلئە خارابىسىنى قازغان.