باش بەت>تارىخ

ئەندىر قەدىمكى شەھىرى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-11 19:49:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:

 

ئەندىر قەدىمكى شەھىرى

   بۇ خارابە نىيە ناھىيە ئەندىرە چارۋىچلىق مەيدانىنىڭ تەخمىنەن 20 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ . ئەندىرە دەرياسى مەزكۇر خارابىنىڭ ئون كىلومېتىر غەربىدە . بۇ خارابىنىڭ دائىرىسى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ ، كۆلىمى تەخمىنەن 5~ 6 كىۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ . خارابە دائىرىسىدە ئىككى شەھەر ئىزى بار. ئۇ تىم ۋە داۋزىلىق دېيلىدۇ . بۇ يەرنى يەرلىكلەر ‹‹ شايانتاق›› دەپ ئاتىغاچقا، ئىككى خارابە بىرلەشتۈرۈلۈپ، شايانتاق قەدىمكى شەھىرى دەپ ئاتالغان .


   1) تىم قەدىمكى شەھىرى — تىم قەدىمكى شەھىرى ئاساسەن چاسا شەكىللىك بولۇپ، ساقلىنىشى ئانچە مۇكەممەل ئەمەس . تەكشۈرۈشىمىزچە، ئۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ قەلئەدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، شەھەرچىنىڭ كۆلىمى سېپىلى كېسەك بىلەن سېغىز لايدىن ياسالغان . ئەڭ ئېگىز يېرى سەككىز مېتىر كېلىدۇ . سېپىل تېمىنىڭ قېلىنلىقىمۇ سەككىز مېتر كېلىدۇ . قەلئە سېپىلىمۇ كېسەك بىلەن سېغىز لايدا قوپۇرۇلغان بولۇپ ، ئېگىزلىكى شەھەرچە سېپىلى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش . قېلىنلىقى 35 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ . سېپىل ئىچىدىكى كوچا-يوللارنى ، ئۆي-ئىمارەت ئىزلىرىنى پەرق ئەتكىلى بولىدۇ .

  خارابە دائىرىسىدىن تۆمۇر ۋە ساپال پارچىلىرى ، يارغۇنچاق، توقۇلما پارچىلىرى، ئەينەك پارچىلىرى، تارىشا پۈتۈكلەر ، تۆمۇردىن ياسالغان يا ئوقى، پىچاق، ئورغاق قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپلغان .

   2) داۋزىلىق قەدىمكى شەھەر خارابىسى — تىم قەدىمكى شەھىرىنىڭ 5.1 كىلومېتىر شەرقىدە . شەھەر سېپىلى ئانچە ئۆلچەملىك بولمىغان يۇمىلاق شەكىلدە بولۇپ ، دىيامېتىرى 130 مېتىر كېلىدۇ . سېپىل تېمى كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان .سېپىلنىڭ ئىچىدىكى بىر بۇتخانىنىڭ قالدۇق ياغاچ تۇۋرۇكلىرى ئىنتايىن زىچ بولۇپ ، ھېلىمۇ كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدۇ . ئۇنىڭ شەرقىي جەنۇب تېمىنىڭ بۇرجىكىدە ئىمارەتلەرنىڭ ياغاچ تۈۋرۈكلىرى بەكمۇ رەتلىك . تۈۋرۈكلەرنىڭ كۆپىنچىسى چاسا شەكىلدە . بۇتخانا ئىزىدىكى تۇۋرۇكلەرنىڭ جايلاشتۇرۇلۇشىدىن ئۇنىڭ ئايلانما كارىدورلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.


  سىتەين بەرگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇتخانا خارابىسىدىن بىراخما يېزىقىدا قەغەزگە يېزىلغان بۇددا نوملىرىنىڭ پارچىلىرىمۇ تېپلغان . ئۇنىڭ تۆت بۇرجىكىدە ئۆرە تۇرغان سۈرلۈك بۇت-ھەيكەللەرمۇ بار ئىكەن.

   خارابە ئىچىدە ساپال ، تۆمۈر پارچلىرى، پاختا، يۇڭ، يىپەك قاتارلىق توقۇلما بۇيۇملارنىڭ پارچىلىرى ئۇچرايدۇ . 1998-يىلى 10-ئايدا، بۇ شەھەر خارابىسىدىن نەقىشلىك تۈۋرۈك تېپىلدى . ئۇ، ئىنتايىن چىرايلىق ، نەپىس ئىشلەنگەن بولۇپ ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئۆي-ئىمارەتچىلىكىدىكى نەقىشلىك تۈۋرۈكلەرگە بەكمۇ ئوخشايدۇ . تۈۋرۈكنىڭ ھازىرقى ئېگىزلىكى 1.20 مېتىر، دىيامېتىرى 30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا . ئۇنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى 0.10 مېتىرلىق ئورۇندا ساقلىنىپ قالغان ئاق سېغىز لاي يۇقىنى ھېلىمۇ پەرق ئەتكىلى بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۇچى تەرىپىدە ئوتتا كۆيگەن ئىز بار.

   3) شايانتاق قەدىمكى شەھىرى — شايانتاق قەدىمكى شەھىرىنىڭ تىم، داۋزىلىق خارابىلىرىدىن باشقا، يول-كوچىلار، ئېرىق-ئۆستەڭ ئىزلىرى ، ئولتۇراق ئۆي ئىزلىرى ، بۇتخانا ۋە بۇددا مۇنارى بار. خارابە ئەتراپىدىكى بىر نەچچە يالدامىلىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن . بۇددا مۇنارى تىم خارابىسىنىڭ 500 مېتىر غەربىدە بولۇپ ، خام كېسەك ۋە سېغىز لاي بىلەن ياسالغان .مۇنارنىڭ ئۇل قىسمى چاسا شەكىلدە، بۇرجەكلىرى تۆت تەرەپكە توغرلاپ ياسالغان . مۇنار ئۇل قىسمى ئۇچ قەۋەت بولۇپ ، سىتەيننىڭ ئۆلچەپ خاتىرىلىگەن سانلىرى مۇنداق : مۇنارنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىنىڭ تەرەپ ئۇزۇنلۇقى27 ئىنگلىز چىسى (بىر ئىنگلىز چىسى 0.304مېتىر)، ئېگىزلىكى 1.5 ئىنگلىز چىسى ، ئوتتۇرا قەۋىتىنىڭ ئېگىزلىكى ئالتە ئىنگلىز چىسى ، يان تەرەپ ئۇزۇنلۇقى 25 ئىنگلىز چىسى . بۇ ، ئىككى قەۋەت مۇنارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ھېسابلىنىدۇ . ئۈستۈنكى قەۋەتنىڭ ئېگىزلىكى 1.5 ئىنگلىزچىسى ، يان تەرەپ ئۇزۇنلۇقى 23 ئىنگلىز چىسى ، قالدۇق ئېگىزلىكى 14 ئىنگلىز چىسى كېلىدۇ ؛ مۇنارنىڭ ئۈستىدىن ئاستىغا قارىتىپ بىر ئىنگلىز چىسى كىۋادرات توملۇقتىكى بىر تال ياغاچ تۈۋرۈك 7 ئىنگلىز چىسى ئۇزۇنلۇقتا كىرگۈزۈلگەن . داۋزىلىقىنىڭ 500 مېتىر جەنۇبىدىن يەنە بىر مۇنار بايقالدى . خام كېسەك ، سېغىز لايدىن ياسالغان بۇ مۇنارنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى يۇمىلاق شەكىللىك بولۇپ ، دىيامېتىرى 2.5 مېتىر، ئېگىزلىكى ئۇچ مېتىر كېلىدىغان مۇنار يېنىدىن سىلىق يۈزىگە كارۇشتى يېزىقى يېزىلغان ئىككى پارچە تەبىئىي سېغىز پارچىسى تېپىلدى.


 شايانتاق قەدىمكى شەھىرىنىڭ دەۋرى توغرىسىدا، جۇڭگو ئالىملىرىنىڭ پىكرى سىتەيننىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش . ئۇلار يىل دەۋرىنى ئىككى باسقۇچقا بۆلگەن. بىرىنچىسى، بۇ خارابە مىلادىيە 3-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياكى 4–ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تاشلىۋېتىلگەن ، ئومۇمەن نىيە خارابىسىنىڭكى بىلەن ئوخشاش . شەھەرنىڭ قاچان ئەھيا قىلىنغانلىقى توغرىسدا ئېنىق مەلۇمات يوق، ئەمما، ئەڭ كېيىن بولغاندىمۇ مىلادىيە 8-ئەسىردىن ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن . ئىككىنچىسى، 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، كىشىلەر قىسقا ۋاقىت قايتا بىر قېتىم پائالىيەت ئېلىپ بارغان ، دېگەن قاراش