باش بەت>تارىخ

يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھەر چىرا

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-25 21:13:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

   چىرا قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقى كېرىيە ناھىيەسى بىلەن، جەنۇبى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، غەربى لوپ، خوتەن ناھىيەسى بىلەن، شىمالى ئاقسۇ شەھىرى، شايار ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ.

   چىرا قەدىمكى دەۋردىكى توخار بەگلىكىنىڭ زېمىنى ئىدى. ‹‹خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى››، ‹‹غەربىي يۇرتنىڭ سۇ ئېقىنلىرى خاتىرىسى››، ‹‹ماركوپولونىڭ ساياھەتنامىسى›› قاتارلىق تارىخنامىلەردە قەدىمكى چىرا ھەققىدە مەلۇمات قالدۇرۇلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 59 – يىلى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى ئىدارە قىلغان. ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىن كېيىن ئۇدۇن (خوتەن)غا تەۋە بولغان. 1882 – يىلى خوتەن ناھىيەسىگە، 1920 – يىلى خوتەن ئايمىقىغا تەۋە بولغان. 1929 – يىلى 1 – ئايدا ناھىيە تەسىس قىلىنغان.

   چىرانىڭ نامى توغرىسىدا تۈرلۈك قاراشلار مەۋجۇت. ئالايلۇق، ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۈك›› (مىللەتلەر نەشرىياتى، 1981 – يىل نەشرى) تە، ‹‹چىرا›› دېگەن سۆز ‹‹چەرا›› دىن ئۆزگەرگەن بولۇپ، ‹‹ئوتلاق›› دېگەن مەنىدە دەپ؛ ‹‹غەربىي يۇرتتىكى ئوخشاش تىللىق ئەللەر تەزكىرىسى››دە، چىرانىڭ قەدىمكى نامى ‹‹سۇ باشلاپ كېلىنگەن ھۇدۇدۇ (پاسىل)›› دېگەن سۆزدىن كەلگەن، دەپ تەبىر بېرىلگەن.

   چىرادا ھاشى قەدىمكى قەلئەسى، ھاسا قەدىمكى قەلئەسى، دامىكۇ بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى، مىڭ يىللىق قەدىمكى دەرەخ، يامىن، بىلەڭگەر تەبىئىي ئوتلاقلىرى، قۇملۇق باغچىسى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىزنالىرى ۋە مەنزىرىگاھلار بار.