باش بەت>ساياھەتچىلىك

كۇچادىكى تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-11 14:18:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:

 

مۇھەممەد تۇراپ

نۆۋەتتە شىنجاڭدا تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغا مەنزىرە رايونى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى جەنۇبىي تاغ مەنزىرە رايونى، كۇيتۇن شەھىرى ئەتراپىدىكى مەنزىرە رايونى ۋە كۇچا ناھىيە چېگرىسىدىكى مەنزىرە رايۇنىغا بۆلۈنىدۇ. كۇچا ناھىيە چېگرىسىغا جايلاشقان تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى ئۆزىگە خاس مەنزىرىسى ۋە سىرلىق رىۋايەتلىرى بىلەن جاھانغا داڭلىق.


    كۇچادىكى تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى 1999-يىلى بايقالغاندىن بۇيان، بىر تەرەپتىن ئېچىش ۋە بىر تەرەپتىن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەر كۈندىن كۈنگە كۆپەيدى. 2002-يىلى يانۋاردا «دۆلەتنىڭ AA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، يىپەك يولى ئالتۇن ساياھەت لىنىيەسىگە يېڭى بىر چاقناپ تۇرغان «مەرۋايىت» قۇشۇلدى. 2013-يىلى تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسىنى مەركەز قىلغان كۇچا تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى «دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى» قىلىنىپ باھالاندى.

    كۇچادىكى تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسىنىڭ رەڭگى قىزىل رەڭدە بولغانلىقتىن «قىزىليار جىلغىسى» دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، ئامېرىكا «دۆلەت جۇغراپىيەسى» ژورنىلى تەرىپىدىن «يەر شارىدىكى ئەڭ گۈزەل 10 چوڭ جىلغىنىڭ بىرى» دەپ باھالانغان.

    كۇچادىكى تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى ـــ تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە بولۇپ، كۇچا ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا 64 كىلومېتىر كېلىدىغان تاغلىق رايۇنغا جايلاشقان. ئۇ دۆلەت يولى 217-لىنىيەسىنىڭ 1025.8 كىلومېتىرلىق ئورنىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى 1600 مېتىر، ئەڭ ئىگىز تاغ چوققىسى 2048 مېتىر كېلىدۇ. جىلغىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5 مىڭ مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، جەنۇپتىن شىمالغا سۇزۇلغان. ئۇ نەچچە مىليون يىللىق بوران چاپقۇننىڭ ئۇپرۇتىشى ۋە تاغدىكى كەلكۈن سۈيىنىڭ يالىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، ئېلىمىزدە كەم ئۇچرايدىغان تەبىئىي مەنزىرە رايون ھېساپلىنىدۇ.

    خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كۇچا ئەتراپىدا تۆمۈر تاۋلايدىغانلىقى توغرىسىدا خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان. «دەريالار تەپسىراتى ئىزاھلىرى. غەربىي يۇرت خاتىرىسى» ناملىق ئەسەردە: «كۇسەننىڭ شىمالىغا 200 چاقىرىم نېرىسىدا تاغ بار، كېچىسى ئوت نۇرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بىراق كېچە-كۈندۈز ئىس چىقمايدۇ، كىشىلەر بۇ تاغدىن تاش كۆمۈر ئالىدۇ، بۇ تاغدا تۆمۈر بار بولۇپ 36 بەگلىكنى تەمىنلەيدۇ». بۇ تارىخىي خاتىرىلەر قەدىمقى زاماندا كۇچا ئەتراپىدا تاغدىن كۆمۈر چىقىدىغانلىقى ۋە تۆمۈر تاۋلايدىغانلىقىدەك پاكىتنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. مۇشۇنداق مول كان بايلىقلىرى كۇسەن بەگلىكىنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە پۇل قۇيۇپ تارقىتىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈشىگە سەۋەپچى بولغان. بۈگۈنكى كۈندە تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسىنىڭ ئەتراپىدا يەنە نۇرغۇن يارداڭلىق تاغلىق رايون بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا قىزىل رەڭلىك تاغ خۇددى كۆيۈۋاتقان يانار تاققا ئوخشايدۇ. 1999-يىلى تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسىدىكى تاغ قاپتىلىدىن ئاغى مىڭئۆيى بايقالغان بولۇپ، ئۇ شىنجاڭدىكى مىڭئۆيلەرنى تەتقىق قىلىشتا تولىمۇ يۇقۇرى قىممەتكە ئىگە.


جىلغىنىڭ ئىچىدە بىر قەدىمقى يول بولۇپ، بۇرۇن بۇ يول ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىن كۇچا ناھىيەسى ئارقىلىق توقسۇ ناھىيەسى، شايار ناھىيەسى، ھەتتا خوتەنگە بارىدىغان سودا كارۋانلىرىنىڭ يولى بولۇپ كەلگەن سودا كارىدورى. ئۇ ئەينى زاماندا كارۋانلار ئاتقا ياغ قاچىلانغان كۈپنى ئارتىپ بۇ يولدىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، بۇ يول ياغ توشۇيدىغان ئاتلىق كارۋانلار يولى، دەپ ئاتالغان. تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسىغا ئىچكىرىلەپ ئىككى كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، ئېگىز تاغنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا قەدىمقى بۇددا ھەيكەللىرى ساقلانغان ئۆڭكۈر كۆزگە چېلىقىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا غەرپلىكلەر قەدىمقى بۇددا ھەيكەللەرنى بۇ ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇپ قويغان. شۇنىڭدىن بېرى بۇ ئۆڭكۈر كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقماي كەلگەن. بۇ يەردىكى تاغلار ئۇزۇن يىللىق بىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن جىلغىدىكى تاشلار يىمىرىلىش جەريانىدا ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلدى. مانا بۇ ئەينى ۋاقىتتا كۇچانىڭ «سودا ساياھەت جەھەتتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.