باش بەت>ساياھەتچىلىك

تۇرپاندىكى مەنزىرە نۇقتىلىرى جۇڭگو يىپەك يولى 25-نۆۋەتلىك تۇرپان ئۈزۈم بايرىمىغا پۇختا تەييارلىق قىلماقتا

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-12 17:50:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

   مىجىت ئىبراھىم خەۋىرى: 20-ئاۋغۇستتىن 5-سېنتەبىرگىچە داۋام قىلىدىغان بۇ يىللىق جۇڭگو يىپەك يولى 25-نۆۋەتلىك تۇرپان ئۈزۈم بايرىمىدا بۇيلۇق، قۇمتاغ قاتارلىق تۇرپاندىكى يەتتە داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 20 نەچچە تۈرلۈك پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈزۈم بايرىمىنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ سەرخىلاشتۇرىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، تۇرپاندىكى مەنزىرە نۇقتىلىرى ئۈزۈم ئۈزۈش، ئۈزۈم يېيىش مۇسابىقىسى، توخۇ سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى، مىللىيچە ناخشا-ئۇسسۇل ئورۇنداش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدىغان بولۇپ، ھەربىر مەنزىرە رايونى تەپسىلىي پائالىيەت لايىھەسى ۋە تاسادىپىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزگەن. تۇرپان شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە ئۈزۈم بايرىمى مەزگىلىدىكى مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ھۆججەت تارقىتىپ، كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. نۆۋەتتە، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئىشلىنىۋېتىپتۇ. شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى يەنە يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ تەييارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ ئۆز قەرەللىدە تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.