باش بەت>ساياھەتچىلىك

چىگە بۇلاقتىكى شىپالىق جاي ـــ ئايدىڭكۆل

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-12 17:55:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

ئۆركەش جاپپار

   تۇرپانغا قۇمغا كۆمۈلگىلى بارغان كىشىلەر قۇمدىن چىقىپلا چاتقال يېزىسىنىڭ چىگە بۇلاق كەنتى تەۋەسىدىكى ئايدىڭكۆلگە بېرىپ، شورتۇز ئارىشىڭىغا چۆمۈلۈشنى ئۇنتۇمايدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئادەم ئۇدا نەچچە كۈن قۇمغا كۆمۈلگەندە قان تومۇرلار كېڭىيىپ، تەر تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىدۇ، قۇمدىن چىقىپ شورتۇز ئارىشىڭىغا چۆمۈلگەندە بەدەننىڭ تۇزغا بولغان ئېھتىياجىنى قامداپ، تەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

   تۇرپاندىن چىقىپ جەنۇبقا قاراپ ماڭسىڭىز چاتقال يېزىسىغا بارىسىز، ئاندىن يول بەلگىلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋاملىق ماڭسىڭىز ئايدىڭكۆلگە ‹‹پەتتار قېيۇم شور تۇز ئارىشىڭى››غا يېتىپ بارىسىز. مانا بۇ دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن جاي دەپ نام ئالغان سىرلىق ماكان ئايدىڭكۆلدۇر.

   شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 35 كىلومېتىر، كەڭلىكى سەككىز كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 245 كىۋادرات كىلومېتىر بولغان ئايدىڭكۆل ئېلىمىز بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن تۇزلۇق كۆل ھېسابلىنىدۇ. كۆلدە تۇزلۇق سۇ ۋە كىرىستال ھالەتتىكى تۇزلارنىڭ چۆكۈندىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بايلىق كۆمۈلۈپ ياتىدۇ. بۇ يەردىن تاشتۇز، مىرابىلىت ۋە سۇسىز ناترىي سولفات قاتارلىقلار چىقىدۇ.

   ئىگىلىشىمچە، چاتقال يېزىسىنىڭ چىگە بۇلاق كەنتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان 43 ياشلىق كانچى پەتتار قېيۇمنىڭ ‹‹پەتتار قېيۇم شور تۇز ئارىشىڭى››نى ئېچىپ پايدىلىنىۋاتقىنىغا بەش – ئالتە يىل بوپتۇ. ئۇ ئەسلىي ئايدىڭكۆلنى كېسىپ ئۆتىدىغان كان يولى ياساۋېتىپ، شورتۇزنىڭ كېسەل داۋالاشتىكى شىپالىق رولىنى تاسادىپىي بايقاپ قالغانىكەن. شۇنىڭ بىلەن قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ، بۇ يەرنى ئېچىپ پايدىلىنىش خىيالىغا كەلگەنىكەن.

   بۇ يىل 8 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ‹‹پەتتار قېيۇم شور تۇز ئارىشىڭى››غا زىيارەتكە بارغىنىمدا، پەتتار قېيۇم مۇنداق دېدى: 40 كىلومېتىر يولنى ئاستىغا لىم ياغاچنى تىزىپ، ئۈستىگە شورتۇز تۆكۈپ قاتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ياساپ چىقتىم. قېزىش ماشىنىسى بىلەن 20 – 30 مو يەرنى چوڭ – كىچىك كۆلچەكلەرگە ئايرىپ قازدىم. چوڭ كۆلچەكلەردە 20 – 30 ئادەم، كىچىكلىرىدە ئۈچ – تۆت ئادەم بىمالال چۆمۈلەلەيدۇ. ھەر بىر ئېغىزىدا بەش ئادەم يېتىپ – قوپقىلى بولىدىغان ياتاقتىن 21 ئېغىز سالدىم. ئۆيلەرگە شورتۇز بىلەن سۇپا چىقىرىۋەتسەملا، مېھمان كۈتۈشكە باشلايمىز. ھازىرچە شورتۇز كۆلىگە چۆمۈلۈشكە كەلگەنلەر بىرەر ۋاق تاماقنى بۇ يەردە يەپ، چۆمۈلۈپ داۋالىنىپ قايتىۋاتىدۇ.

   ــ قاچاندىن باشلاپ ھەق ئېلىشقا باشلىدىڭىز؟ ــ دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.

   ــ دەسلەپ بىكارلىق ئېچىۋەتكەن، تېخى بۇلتۇردىن باشلاپ ھەق ئېلىشقا باشلىدۇق. بېلەت كىرىمىمىزگە تايىنىپ سالغان مەبلىغىمىزنى قايتۇرۇپ كېلەلمىگەن بولساقمۇ، ئەلگە پايدىلىق ئىشكەن دەپ، داۋاملىق مەبلەغ سېلىۋاتىمىز.

   ئېيتىلىشىچە، شورتۇز ئارىشىڭىغا چۆمۈلۈپ داۋالانغاندا، بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەپ، ئىششىقنى ياندۇرغىلى؛ قىچىشقاق قاتارلىق تېرە كېسەللىرىنى ساقايتقىلى؛ رېماتىزم خاراكتېرلىك بەل – پۇت ئاغرىقلىرى، مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىق بىر قىسىم كېسەللەرنىمۇ ساقايتقىلى بولىدىكەن.

   ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئايشەم كېرىم خانىم مۇنداق دېدى: دۈمبەمنىڭ سەرەڭگە قېپى چوڭلۇقىدىكى ئورنىغا قىچىشقاقتەك بىر كېسەل چاپلىشىۋېلىپ پەقەت ساقايتالمىدىم. بارمىغان دوختۇرخانا، ئىچمىگەن دورا، چاپمىغان مەلھەم قالمىدى. بەش يىلنىڭ ئالدىدا ئايدىڭكۆلگە كېلىپ، شورتۇز ئارىشىڭىغا چۈشۈۋېدىم، مۆجىزە يۈز بەردى، كېسىلىم ساقىيىپ، ئازابتىن قۇتۇلدۇم.