باش بەت>ساياھەتچىلىك

تۇرپان ساياھەت مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم ھاسىل قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-12 17:48:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

   تۇرپان ساياھەتچىلىكتە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى يانداشما قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر پەسىلدە ساياھەت قىلىشنى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەت قىلىشقا يۈزلەندۈرۈپ، ساياھەت مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

   7- ئاينىڭ 27- كۈنى مۇخبىر تۇرپان بۇيلۇق سەيلىگاھىدا يېڭىدىن ياسالغان ياغاچ ئاسما يول، قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى ئۆيلەر، زامانىۋى يول چىراغلىرىنىڭ سەيلىگاھقا يېڭىدىن ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. سەيلىگاھتا ساياھەتچىلەر سەيلى-ساياھەت قىلغاچ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ، گۈزەل ئەسلىمە قالدۇرۇۋاتاتتى. سانجىدىن كەلگەن ساياھەتچى جۇ ۋېن مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى بەك گۈزەل ئىكەن، ئۈزۈم باراڭلىرى، ياغاچ ئاسما يول، ئۆيلەر بەكمۇ ئۆزگىچىكەن.

   بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى بېيجىڭ، شاڭخەي، چاڭشاغا بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ۋە ئالتاي-تۇرپان ھۆددە ئايروپىلان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىۋەتتى، ئىستېرېئولۇق قاتناشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. 460 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۇيلۇق، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، يارغۇل قەدىمىي شەھىرى ۋە قۇمتاغ قۇملۇقى قاتارلىق 5A ،4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، ئۆزگەرتتى. 16 جايدا ئېسىل ئۈجمىلىك، ئۆرۈكلۈك باغ بەرپا قىلىپ، بىر كۈنلۈك ساياھەتنى ھەممە كۈندە ساياھەت قىلىشقا، بىر پەسىلدىلا ساياھەت قىلىشنى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا ساياھەت قىلىشقا، مەنزىرە نوقتىلىرىنىلا ساياھەت قىلىشنى پۈتكۈل رايوننى ساياھەت قىلىشقا ئۆزگەرتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، تۇرپان شەھىرىدە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر 2 مىليون 360 مىڭ ئادەم (قېتىم) غا يېتىپ، ساياھەت ئىستېمالى 2 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ھالدا %46، %37 ئاشتى. ھەر قايسى سەيلىگاھلارنىڭ بېلەت كىرىمى 33 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن 50 پىرسەنت ئاشتى. تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى لياڭ ۋەنيۇڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، تۇرپان شەھىرى خوراز سوقۇشتۇرۇش مەيدانى، شۇەنزاڭ خاتىرە سارىيى، غەربكە ساياھەتتىكى يالقۇنتاغ يەر ئاستى ئوردىسى قاتارلىق مەدەنىيەت ساياھەت تۈرلىرىنى پىلانلاپ، ساياھەت مەدەنىيەت كەسپىدە داڭلىق ماركا يارىتىش، ئۈنۈمدارلىقنى ئاشۇرۇش، كۆلەملەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشتەك يېڭى قەدەم تاشلىدى.