باش بەت>ساياھەتچىلىك

تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى 20-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلىدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-18 13:11:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


(ماتېرىيال سۈرەت)

    تۇرپان نۆل ئارىلىق ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى تەرجىمىسى: 25-نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى 20-ئاۋغۇستتىن 5-سېنتەبىرگىچە ئىدىقۇت رايونىدىكى قاشتېشى-غەلىتە تاشلار كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە تۈرلۈك خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.


(ماتېرىيال سۈرەت)

    تۇرپان شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يوڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىللىق ئۈزۈم بايرىمى ئۈزۈم بايرىمى ئېچىلىش مۇراسىمى بۆلىكى، يېپىلىش مۇراسىمى بۆلىكى، ئۈزۈم ئاساسىي تېما قىلىنغان بۆلەك، قاشتېشى-غەلىتە تاشلار كۆرگەزمىسى بۆلىكى ۋە مەدەنىيەت-ساياھەت ئاساسىي تېما بۆلىكىدىن ئىبارەت بەش چوڭ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان.


(ماتېرىيال سۈرەت)


(ماتېرىيال سۈرەت)