باش بەت>ساياھەتچىلىك

«تەڭرىتاغدىكى مەرۋايىت» ــ كۇچا چوڭ كۆل مەنزىرە رايونى

يوللانغان ۋاقىت:2016-09-18 11:55:00 مەنبە:تەڭىرتاغ تورى مۇھەررىر:ئادىلە

كۇچا چوڭ كۆل مەنزىرە رايونى كۇچانىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 2300 مېتىردىن 3400 مېتىرغىچە ئېگىز، كۆلىمى 8400 گېكتار كېلىدۇ. مەنزىرە رايون تەلەمەت داۋىنى تونىلى، تەلەمەت 17 ئايلانما داۋىنى، چوڭ كۆل، كىچىك كۆل، كۆل شارقىراتمىسى، قورغان، تىكىلىك، چىرايلىق، زەدىۋال قاتارلىق مەنزىرە رايۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەنزىرە رايونىدىكى قويۇق ئوت – چۆپلەر، گۈل – گىياھلار ، بۇلۇتقا تاقاشقان قارلىق چوققىلار، ئاق كىگىز ئۆيلەر قوشۇلۇپ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تەبىئىي مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇ يەر يازدا سالقىن بولۇپ، ئارام ئېلىشقا، سەيلە – ساياھەت قىلىشقا تولىمۇ باپ كېلىدۇ.

تەلەمەت داۋىنى كۇچانىڭ 164 كىلومېتىر شىمالىدىكى تەڭرىتاغ ئومۇرتقىسىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن 2400 مېتردىن 3600 مېتىرغىچە ئېگىزبولۇپ، تاغ چوققىسىدا يىل بويى قار – مۇز ئۆكسىمەيدۇ. ئۇنىڭ بىر تەرىپى تىك قىيا بولۇپ، مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، يەنە بىر تەرىپى ئېدىرلىق تاغ ئېغىزى. 217 – دۆلەت تاشيولى كۇچا – مايتاغ تاشيولى مۇشۇ يەردىن 17 ئەگمە بىلەن ئارتىلىپ ئۆتىدۇ. داۋاندا مەنزىرىلىك جايلار ناھايىتى كۆپ، يولنىڭ شەرقىدىكى جىلغىلاردا بۇلۇتقا تاقاشقان قويۇق شەمشادلىق بار، تاغدا ئوت – چۆپلەر قويۇق ئۆسكەن بولۇپ، ئوتلاقلاردا چارۋا ماللار يايلايدۇ، تاغلار ئارىسىدا ئاق بۇلۇتلار ئەگىپ يۈرۈيدۇ.

چوڭ كۆل كۇچانىڭ 150 كىلومېتىر شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا بولۇپ، 217 – دۆلەت تاشيولىنىڭ بويىغا جايلاشقان. ئۇ تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى سۇ بۆلگۈچ چوققىنىڭ جەنۇبىدىكى چوققىلار ئوراپ تۇرىدىغان چوڭ، كىچىك ئىككى كۆلدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇلار ئېگىز تاغدىكى قارنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان تەبىئىي كۆل بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 2400 مېتىر ئېگىز، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلىقى 2500 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 1000 مېتىر، تۆت ئەتراپى قارلىق چوققىلار بىلەن ئورالغان، شەمشادلار بوي تارتىپ كۆككە تاقاشقان بولۇپ، ئەتراپى بۈك باراقسان ئورمانلىق، كۆل سۈيى تەلەمەت داۋىنى ۋە كىچىك مۇزلۇقلاردىن چۈشىدۇ. چوڭ كۆلنىڭ شەرقى تۈزلەڭلىك بولۇپ، گۈل – گىياھلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، كۆلنىڭ سۈپ – سۈزۈك سۈيىدە قارلىق چوققىلارنىڭ شولىسى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. بۇلۇتلار، قارلىق چوققىلار، قارىغايلار كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە ھاسىل قىلغان بولۇپ، «تەڭرىتاغدىكى مەرۋايىت» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

كىچىك كۆل كۇچانىڭ 148 كىلومېتىر شىمالىدىكى تاغلىق رايونغا، چوڭ كۆلنىڭ غەربىگە جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن 2320 مېتىر ئېگىز، كۆلىمى 2500 كىۋادرات مېتىر. چوڭ كۆلنىڭ سۈيى سىرغىپ كىچىك كۆلگە چۈشىدۇ، ئاندىن شارقىراتما ھاسىل بولۇپ دەرياغا قۇيۇلىدۇ.

شارقىراتما كۇچانىڭ 142 كىلومېتىر شىمالىغا، 217 – دۆلەت تاشيولىنىڭ بويىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 2320 مېتىر ئېگىز، چوڭ، كىچىك كۆللەر سۈيىنىڭ يىغىلىشىدىن شەكىللەنگەن، شارقىراتمىنىڭ كەڭلىكى 3.0 ~ 1.2 مېتىر، يانتۇلۇقى تەخمىنەن 50 مېتىردىن ئاشىدۇ. مۇزلۇق تاغ جىلغىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ جىلغىغا چۈشۈپ، 100 مېتىردىن ئارتۇق تېز ئېقىم شەكىللەندۈرۈپ، ئۆركەشلەپ ئېقىپ كۇچا دەرياسىنىڭ تارمىقىغا قوشۇلىدۇ.

ئۆركەش جاپپار