باش بەت>ئالاھىدە مەھسۇلات

خوتەن قاشتېشى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-11 17:31:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:

 

ھەمىدە رۇسۇل


    خوتەن قاشتېشى چىرايلىق، چىداملىق شۇنداقلا ھۈنەر – سەنئەت قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، مايلىق قاشتېشى، ئاق قاشتېشى، كۆكۈش قاشتېشى، كۆك قاشتېشى، يەشمە، قارا قاشتېشى، سېرىق قاشتېشى، شېكەررەڭ قاشتېشى قاتارلىق تۈرلىرى بار.

    مايلىق قاشتېشىنىڭ رەڭگى قوينىڭ قۇيرۇق مېيىغا ئوخشاش ئاق، كۆكۈشكە مايىلراق ھەم سارغۇچراق كېلىدۇ. مايلىشاڭغۇ، سىلىق، يورۇق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ،قوينىڭ قۇيرۇق مېيىغا ئوخشاش كۆرۈنىدۇ. تەركىبىدە ئارىلاشما ماددىسى ( كېپىكى ) بارلىرى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، شۇڭا مايلىق قاشتېشى خوتەن قاشتېشى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ.

    ئاق قاشتېشى كۆپۈنچە ئاق رەڭدە بولىدۇ، كۈلرەڭ، سارغۇچ، كۆكۈشكە مايىللىرىمۇ ئۇچرايدۇ. سىلىق، سۈزۈك ھەم مايسىمان پارقىراقلىقىمۇ بار. بەزىلىرىنىڭ تەركىبىدە ئازراق ئارىلاشما ماددا بولغان ھالەتتە ياكى ئازراق يېرىق، دەز كەتكەن ھالەتتىمۇ ئۇچرايدۇ. ئاق قاشتېشى مايلىق قاشتېشىدىن قالسىلا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ياخشى قاشتېشىدۇر.

    كۆكۈش قاشتېشىنىڭ رەڭگى ئاق قاشتېشى بىلەن كۆك قاشتېشىنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، خوتەن قاشتاشلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. رەڭگى كۆكۈش ئاق رەڭنى ئاساس قىلغان ئاساستا كۈلرەڭ يېشىل، كۆكۈش كۈلرەڭ، سارغۇچ يېشىل رەڭ قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ، سىلىق كېلىدۇ، مايسىمان پارقىراقلىقى بولىدۇ. يېرىم نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىققا ئىگە، ئىنتايىن چىداملىق. تەركىبىدە ئارىلاشما ماددا بار، يېرىقچىسى بارلىرىمۇ ئۇچرايدۇ.

    كۆك قاشتېشى سۇس كۆكتىن قېنىق كۆككىچە بولغان ئارىلىقتىكى كۆپ خىل رەڭلەردە بولىدۇ. بامبۇك يوپۇرمىقى، تال سۆگەت، زۇمرەت، بوز كۆك ۋە سارغۇچ كۆك رەڭلەردىمۇ ئۇچرايدۇ. ئادەتتە قېنىق كۆك رەڭ ۋە بامبۇك يوپۇرمىقى رەڭگىنى ئاساس قىلغانلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. كۆك قاشتېشى خوتەن قاشتاشلىرى ئىچىدىكى ئەڭ كەڭ تارقالغان، كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىلى بولۇپ، سىلىق، سۈزۈك ، پارقىراق، چىداملىق، مايسىمان پارقىراقلىقى بار. ئاندا – ساندا ئارىلاشما ماددىسى بارلىرى ئۇچراپ قالىدۇ.

    يەشمە يېشىل رەڭنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كۆكۈش يېشىل، تۇتۇق يېشىل، قارامتۇل يېشىل قاتارلىق رەڭلىرىمۇ بولىدۇ. يەشمە بىلەن كۆك قاشتېشىنى ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. كۈچلۈك نۇر ئاستىدا ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندىلا كۆك قاشتېشىنىڭ تېگىنىڭ كۈلرەڭگە مايىل يېشىل ئىكەنلىكىنى، يەشمىنىڭ بولسا قېنىق يېشىل رەڭدە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. يەشمە ئادەتتە پالەكنىڭ رەڭگىدەك توق يېشىل كەلسە ئەڭ ياخشى يەشمە ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر يېشىللىق رەڭگىگە كۈلرەڭ ئارىلىشىپ قالغان بولسا بۇ ئادەتتىكى يەنى تۆۋەن دەرىجىلىك يەشمە ھېسابلىنىدۇ. يەشمە قانچىكى يېشىل بولسا شۇنچە ياخشى. سىلىق، سۈزۈك پارقىراقلىقى بار. مايسىمان پارقىراقلىققا ئىگە. ئارىلاشمىسى بولغان ھەم قارا دېغى بولغانلىرىمۇ ئۇچراپ قالىدۇ.

    قارا قاشتېشى ئادەتتە ساپ قارا، قىسمەن قارا ۋە چېكىتسىمان قارا قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. قارا رەڭگى ساپ پۈتۈنلەي قاپقارا بولغانلىرى ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ. قىسمەن قارا قاشتېشى ئادەتتە ئاق قاشتېشى، كۆكۈش قاشتېشى ۋە كۆك قاشتاشلىرىغا يوپۇرماقسىمان ياكى بۇلۇتسىمان ھالەتتە تارقىلىپ قارا رەڭنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. چېكىتسىمان قارا رەڭ كۆپىنچە باشقا قاشتاشلىرىدا يۇلتۇزسىمان ھالەتتە تارقىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئاق قاشتېشىغا چېكىتسىمان قارا رەڭلەر تارقىلىپ بۇ قاشتېشىنى كۈل رەڭ ئاق قاشتېشى قىلىپ كۆرسەتكەن بولسا، بۇ قاشتېشىنى بىز ‹‹كۆك چېچەك قاشتېشى›› دەپ ئاتايمىز.

    سېرىق قاشتېشىنىڭ توق سېرىق رەڭدىكىسى ئەڭ ياخشى. كۆپرەك ئۇچرايدىغانلىرى ئاچ سېرىق، سارغۇچ يېشىل رەڭدە بولۇپ، يەنە كاشتان سېرىقى، ھەسەل سېرىقى، تۇخۇم سېرىقى، گۇيخۇا سېرىقى قاتارلىق رەڭلەردىكى قاشتاشلارمۇ بار. سىلىق ، پارقىراق، سۈزۈك. سېرىق قاشتېشىمۇ ياخشى قاشتېشى تۈرىگە كىرىدۇ.

    شېكەررەڭ قاشتېشىنىڭ رەڭگى قارا شېكەرنىڭ رەڭگىگە ئوخشايدۇ. بۇ قاشتېشى ئوكسىدلانغان تۆمۈر ۋە مانگاننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قىزغۇچ قارامتۇل ۋە سارغۇچ دارچىن رەڭنى ئىپادىلىگەن. ئەگەر شېكەررەڭ پۈتۈن قاشتېشىنىڭ %85 ىنى ئىگىلىسە، بۇ قاشتېشى شېكەررەڭ قاشتېشى، دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر شېكەررەڭ پۈتۈن قاشتېشىنىڭ %30ىدىن يۇقىرى بولسا پەقەت شۇ خىل قاشتېشىنىڭ ئىسمى ئالدىغا قوشۇپ ئەسكەرتىپ ئاتايمىز. مەسىلەن، شېكەررەڭ ئاق قاشتېشى، شېكەررەڭ كۆكۈش قاشتېشى دېگەندەك.

    ئومۇمەن ، خوتەن قاشتېشى زۇمرەتتەك سۈزۈكلۈكى، سىلىق، مايلىق پارقىراقلىقى بىلەن كۆزنى قاماشتۇرۇپ، كىشى قەلبىگە ئۆزگىچە ھۇزۇر بەخش ئېتىش بىلەن دۇنياغا داڭلىق.