باش بەت>ئالاھىدە مەھسۇلات

كۇچا ناھىيەسىدە ئۆرۈك باھالاش يىغىنى ئېچىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-03 13:12:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

 

-26ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئۆرۈك باھالاش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش

   كۇچا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان، ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى باش بولۇپ تەشكىللىگەن كۇچا ناھىيەسىنىڭ 5-قېتىملىق ئۆرۈك باھالاش يىغىنى 26-ئىيۇن ئىشخىلا بازىرىغا جايلاشقان «مارجان بۇلاق» دېھقانلار ئارامگاھىدا ئۆتكۈزۈلدى. كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا (بازار)لىرىدىكى 30 غا يېقىن ئورۇن ئۆزلىرىنىڭ ئەلا سورتلۇق ئۆرۈكلىرىنى باھالاشقا قاتناشتۇردى.

     ئىگىلىنىشچە، كۇچا ناھىيەسى كۈن نۇرى تولۇق چۈشىدىغان، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، بىر يىلدىكى قىراۋسىز مەزگىلى 200 كۈنگە يېتىدىغان ناھىيە بولۇپ، ناھىيەنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتى بولغان ئاق ئۆرۈكى نېپىز پوستلۇق، گۆشلۈك، تەملىكلىكى بىلەن داڭق چىقارغاچقا، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ھالقىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق شەھەرلەرگە سېتىلماقتا.  كۇچا ئاق ئۆرۈكى 2014-يىلى مايدا «دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە ئىسپاتى» بەلگىسىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۆرۈكچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تارىخىي پۇرسەت ئېلىپ كەلگەن. نۆۋەتتە، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۆرۈكلۈك باغ ئومۇمىي كۆلىمى 64 مىڭ 523 موغا ، ئۆرۈكنىڭ تۈرى 20 خىلغا يەتكەن