باش بەت>ئالاھىدە مەھسۇلات

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ چوڭ‹‹شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى››بازىسىغا ئايلاندى

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-21 11:01:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

   رەخمەتجان ئەخمەت خەۋەر قىلىدۇ: موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى چارۋىچىلىقنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ‹‹شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى›› باقمىچىلىقى يېڭىچە ئەندىزىسى يولىدا ئىزدىنىپ، ‹‹شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى››نى ئومۇملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىپ يولغا قويدى. نەتىجىدە بۇ ناھىيە ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ‹‹شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى›› بازىسىغا ئايلاندى.

   ئۇقۇشىمچە، ھازىر بۇ ناھىيەدىكى دېھقان – چارۋىچىلار ئائىلىلىرى ئىككىدىن ئۈچكىچە ‹‹شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى››نى بېقىپ مۇقىم كىرىم مەنبەسىگە ئېرىشكەن؛ ناھىيە ‹‹شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى›› ئۆلچەملەشكەن زامانىۋى باقمىچىلىق فېرمىسىدىن 24نى قۇرغان؛ كالا باقمىچىلىقىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان تېخنىكنى 120گە يەتكۈزگەن؛ كۆچمە ئۇرۇقلاندۇرۇش ماشىنىسىدىن 36نى سېتىۋېلىپ، دېھقان – چارۋىچىلارغا يىل بويى ھەقسىز مۇلازىمەت قىلغان؛ ھازىرغىچە ناھىيە ‹‹شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى››نى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان، نەتىجىدە ناھىيە بويىچە ‹‹شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى›› 80 مىڭغا يېتىپ، بېقىلىۋاتقان ئومۇمىي كالىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كالا نەسلىنى ياخشىلاش قىزغىنلىقى ھەسسىلەپ ئاشقان. ھازىر ناھىيە بويىچە ‹‹شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى›› كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئۈچى قۇرۇلۇپ، ‹‹شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى›› باقمىچىلىقى بويىچە كەسىپلەشكەن كەسپىي ئائىلىدىن 200ى بارلىققا كەلگەن.