باش بەت>ئالاھىدە مەھسۇلات

كۇچا سوپۇنى بازار تاپتى

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-05 16:20:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

   كۇچا سوپۇنى ئۇيغۇرلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ كىر چىقىرىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاندىن باشقا، بۇلغانمىغان، ئەرزان بولغاچقا، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

   ئىككى يىلدىن بۇيان كۇچا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتە ياردەم بېرىپ، يەرلىك ئاممىنىڭ كۇچا سوپۇنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شوغۇللىنىشىنى قوللىدى. نۆۋەتتە بۇ ناھىيەدە 20 دىن ئارتۇق كۇچا سوپۇنى ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلات ئۆيى بولۇپ، بۇلارنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 500 توننىغا يېتىدۇ. كۇچا ناھىيەسىدە كۇچا سوپۇنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالىدىغان بەزى ئائىلىلەرنىڭ ئايلىق كىرىمى 70 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

   كۇچا سوپۇنىنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى قوي يېغى، چىگىت مېيى ۋە تۇز سۈيى بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنىرى ھېسابلىنىدۇ، كۇچا سوپۇنى نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە.