باش بەت>مەدەنىيەت

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مايسا سەيلىسى ۋە كۆك چۆچۈرىسى

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-21 20:18:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

      مايسا سەيلىسى ـــ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سەيلە-ساياھەت ئادىتىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى قىش كېتىپ، تەبىئەت ئويغىنىپ، يەر يۈزى يېشىل تونغا پۈركەنگەن، دەل-دەرەخلەر ياشىرىپ،گۈل-چېچەكلەر ئېچىلىشقا باشلىغان كۈنلەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇيغۇرلار مايسا سەيلىسىنى باھار پەسلىنىڭ باشلانمىسى دەپ ھىسابلاپ، يېزىلاردا كىشىلەر باھار قۇياشىنىڭ ئىللىق تەپتىدىن ياشناشقا باشلىغان ئېتىز-ئېرىق، باغ-ۋارانلارنى ئارىلاپ، باھار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ ھۇزۇرلىنىدۇ. سەيلىدىن قايتقانلار بۇغداي مايسىلىرى ۋە ھەر خىل گۈللەرنى دەستە-دەستە قىلىپ، ئېھتىرام بىلەن ئاتا-ئانىلىرىغا تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ يېڭى باھارغا ساق-سالامەت ئۇلاشقانلىقىنى تەبرىكلىشىدۇ.قىز-يىگىتلەرمۇ بىر-بىرىگە كۆك مايسا ياكى گۈللەرنى تۇتۇش ئارقىلىق ئۆزئارا مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشىدۇ

 

      مايسا سەيلىسىدە كىشىلەر يەنە سەيلە قىلغاچ، يېڭىدىن چىققان بېدە كۆكىنى تېرىپ كېلىپ، ئۆيلىرىدە باشقا خۇرۇچلارنى قوشۇپ، بېدە (كۆك) چۆچۈرىسى تۈگۈشىدۇ. چۆچۈرە پىشۇرۇلۇپ تەييار بولغاندا ئائىلە ئەزالىرى داستىخانغا جەم بولۇشۇپ بىرلىكتە چۆچۈرە يېيىشىدۇ.ئائىلىنىڭ چوڭى ئالدى بىلەن بىر تال چۆچۈرىنى ئېلىپ، ‹‹يېڭى ئاش، ئېغىز-بۇرنۇمدىن تاش›› دەپ بىسمىللا بىلەن ئاغزىغا سالىدۇ. باشقىلارمۇ شۇ سۆزنى تەكرارلاپ ئاندىن چۆچۈرىگە ئېغىز تېگىشىدۇ. قولۇم-قوشنىلارغىمۇ بىر قاچىدىن چۆچۈرە سۇنۇلۇپ، ئۇلارمۇ يېڭىلىق بىلەن تەبرىكلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە مايسا، گۈل ۋە كۆك چۆچۈرىسىنى سۇنۇشى ‹‹يېڭىلىق تۇتۇش›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ.