باش بەت>مەدەنىيەت

چىڭگىل سەندىخېزا قەدىمىي تاش دۆۋىسىنىڭ نەزىر-چىراغ خارابىلىكى ئىكەنلىكى دەلىللەندى

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-26 15:58:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، سەندىخېزىدا تۇرۇشلۇق ئارخېئولوگىيە ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۈ ئېنگو (سولدا) ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ بو بىلەن قېزىش ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى

    23-ئىيۇل ئارخېئولوگ گو ۋۇ چىڭگىل ناھىيەسى سەندىخېزىدىكى قەدىمىي تاش دۆۋىلىرىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ قەدىمىي تاش دۆۋىلىرىنىڭ نەزىر-چىراغ خارابىلىكى ئىكەنلىكى دەسلەپكى قەدەمدە دەلىللەندى.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى چاغانقول يېزىسى تەۋەلىكىدىكى سەندىخېزا تاش دۆۋىسى خارابىلىكى توپىدا چوڭ تاش دۆۋىسىدىن ئۈچى، ئوتتۇراھال تاش دۆۋىسىدىن تۆتى، كىچىكرەك تاش دۆۋىسىدىن 20 سى، تاش قورۇق، تاش دۆۋىسى قەبرىسىدىن تەخمىنەن 100 نەچچىسى، بۇغا سۈرىتى ئويۇلغان تاشتىن تەخمىنەن 48 ى بار ئىكەن. 

     دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنى، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ۋە چىڭگىل ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىدىن تەشكىللەنگەن ئارخېئولوگىيە ئەترىتى 2013-يىلى سەندىخېزىدىكى ئۈچ غايەت چوڭ تاش دۆۋىسىگە قارىتا ئىلمىي قېزىشنى باشلىغان، نۇرغۇن ئارخېئولوگىيە خادىملىرىنىڭ تۆت يىللىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشى نەتىجىسىدە، ئاخىرى سەندىخېزا چوڭ تاش دۆۋىسى توپىنىڭ قەبرىستانلىق ئەمەس، بەلكى نەزىر-چىراغ خارابىلىكى ئىكەنلىكى دەسلەپكى قەدەمدە دەلىللەنگەن.


جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى چېگرا ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكتۇرى، سەندىخېزىدا تۇرۇشلۇق ئارخېئولوگىيە ئەترىتىنىڭ باشلىقى گو ۋۇ ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى

 

شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، سەندىخېزىدا تۇرۇشلۇق ئارخېئولوگىيە ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۈ ئېنگو ئەھۋال تونۇشتۇرماقتا