باش بەت>مەدەنىيەت

دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى چىقىدىغان جاي بايىنبۇلاق يايلىقىدا نادام بايرىمى باشلاندى

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-28 17:43:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:


   تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 27-ئىيۇل دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى چىقىدىغان جاي بايىنبۇلاق يايلىقىدا خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ 8-نۆۋەتلىك بايىنبۇلاق ئاققۇ كۆلى چەۋەندازلىق-چىدامچانلىق مۇسابىقىسى ۋە 19-نۆۋەتلىك شەرققە قايتىش نادام بايرىمى باشلاندى.

   شۇ كۈنى 22 مىڭغا يېقىن ئامما باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆردى، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازارلىرىدىن كەلگەن 180دىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچى ئات بەيگىسى مۇسابىقىسىگە، 75 ماھىر چەۋەندازلىق-چىدامچانلىق مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. 

   1771-يىلى مىللىي قەھرىمان ئوباشنىڭ رەھبەرلىكىدە تۇرغۇت ۋە خوشۇت قەبىلىسىدىكى 170 مىڭ نەپەر موڭغۇل ئەزىمەت ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىپ، جۇڭخۇ مىللەتلىرىنىڭ تارىخىغا كاتتا ۋەتەنپەرۋەرلىك تارىخىي داستانىنى پۈتكەن. شەرققە قايتىش نادام بايرىمى خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزىدىغان تەبرىكلەش پائالىيىتى بولۇپ، 2004-يىلدىن باشلاپ يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن.