باش بەت>مەدەنىيەت

خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ئۇچتۇرپاندا ھال سوراش ئويۇنى قويدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-05-07 16:43:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:بەختىگۈل ئابدۇشۈكۈر

ئىختىيارىي مۇخبىر: ۋەلىجان قېيۇم خەۋىرى، فوتوسى

سۈرەتتە: ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاچاتاغ يېزىسى توقسۇن تېتىر كەنتىدە قويۇلغان ھال سوراش ئويۇنىدىن كۆرۈنۈش.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى دېھقانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەلگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» ئاساسىي تېما قىلىنغان، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاممىغا يەتكۈزۈش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان تەسىرلىك ئىش-پائالىيەتلىرى، دېھقانلارنىڭ خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە بولغان مىننەتدارلىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەزمۇن قىلىنغان سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرىنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىغا سۇنۇپ، ئۇلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئاچاتاغ يېزىسىنىڭ توقسۇن تېتىر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى زۆھرەگۈل غېنى مۇنداق دېدى: ئادەتتە بۇ چولپانلارنى تېلېۋىزوردىلا كۆرەلەيتتۇق، بۈگۈن ئۇلار كەنتىمىزدە ئويۇن قويدى، دېھقانلار يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇپ ئۇلار ئورۇنلىغان نومۇرلارنى كۆرەلىگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى.

ئۇقۇشىمچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى بۇ ناھىيەدىكى 24 نامرات كەنتتە 24 مەيدان ئويۇن قويىدىكەن.