باش بەت>مەدەنىيەت

27-نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى توقسۇن تارماق مەيدان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-09-08 19:29:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

  

      ئىختىيارىي مۇخبىر لى چىڭخەي، دۈەن جيەنيۈن، ئالىيە خەۋىرى، فوتوسى: 9-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى باشلاندى، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 19 دا توقسۇن ناھىيەسىنىڭ تارماق مەيدان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

  پائالىيەت «تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى پىشتى» ئاساسىي تېما قىلىنغان ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن باشلاندى. يەرلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىن نومۇر كۆرسىتىشكە قاتناشقان ئارتىسلار ساياھەتچىلەرگە مول مەزمۇنلۇق نومۇرلارنى ئورۇنداپ بەردى. مېھماندوست توقسۇن خەلقى ئۆزىگە خاس ئۇسۇللار بىلەن جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ئارىسىدا ئۈزۈم يېيىش مۇسابىقىسى ۋە كۆزىنى ئېتىپ قويۇپ ئۈزۈم تېتىپ پەرقلەندۈرۈش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلدى.