باش بەت>مەدەنىيەت

گۇچۇڭ شىچېڭزى خارابىسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-05-07 20:32:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى


شىنجاڭ گۇچۇڭ شىچېڭزى خارابىسىنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشى (ماتېرىيال سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (سۈرەتلەرنى جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى گېزىتخانىسى تەمىنلىگەن)


شىنجاڭ گۇچۇڭ شىچېڭزى خارابىسى (ماتېرىيال سۈرەت).

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ خەيفېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ھۆكۈمەت تورىنىڭ تۇنجى قېتىم تور يىغىنى شەكلىدە ئېچىلغان پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاشنى ئاخىرقى باھالاش يىغىنىدا، 2019-يىللىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش ئېلان قىلىندى، شىنجاڭ گۇچۇڭ شىچېڭزى خارابىسى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

شىچېڭزى خارابىسى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسى بەنجېگۇ بازىرى ماگۇلىياڭ كەنتىنىڭ شەرقىگە، خېبايەن كەنتىنىڭ جەنۇبىغا، ماگۇخې دەرياسىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىكى تاغ ئالدى يانتۇ ئېدىرلىق بەلبېغىغا جايلاشقان. بۇ خارابە تىك يار ئۈستىدە بولۇپ، قىسمەن يەر يۈزىدە يەنە ئېچىلىپ قالغان تاغ جىنسلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، بۇرۇنقى شۇ جايدىكى كىشىلەر ئۇنى شىچېڭزى دەپ ئاتىغان.

2013-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گۇچۇڭ شىچېڭزى خارابىسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىغا ئايلانغان. 2014-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنى ئۇنىڭغا قارىتا بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئېلىپ بارغان. نۆۋەتتە، شىمالىي سېپىل، غەربىي سېپىل، سېپىل خەندىكى، ئۆي ئورنى، كۈل ئازگىلى، ھارۋا ئىزى قاتارلىق خارابىلەر تازىلاپ رەتلىنىپ، زور مىقداردىكى تاختا كاھىش، نوكەش كاھىش، كاھىش قاتارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ھەمدە قىسمەن ساپال بۇيۇملار قېزىۋېلىندى، يەنە ئاز مىقداردىكى مېتال قوراللار ۋە سۆڭەك قوراللار قېزىۋېلىندى، بۇ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە ساپال بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى تىپىك خەنزۇچە ئۇسلۇبقا ئىگە. مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە، شىچېڭزى خارابىسى ئىككى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قۇرۇلۇش ئىكەن.

شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى تيەن شياۋخۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «شىچېڭزى خارابىسىنىڭ تەكشى يۈزى ئومۇمەن تىك تۆت تەرەپلىك شەكىلدە كۆرۈنىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 110 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. شەھەرنىڭ غەرب تەرىپى ۋە شىمال تەرىپىدە ئېگىز سېپىل بار، شەرق تەرىپى ۋە جەنۇب تەرىپى چوڭقۇر جىلغىغا يېقىن بولۇپ، جىلغىنىڭ ئاستى ماگۇخې دەرياسى، بۇ شەھەرنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدا غەربىي شىمال شەھەر سېپىلىغا يۆلەپ كىچىك شەھەر سېلىنغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بۇرجەكلىك بىنا، گۇندا سۇپىسى، سېپىل خەندىكى قاتارلىق قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى بار، ھەربىي مۇداپىئە تۈسى ئىنتايىن قويۇق».

2018-يىلى گۇچۇڭ شىچېڭزى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش تۈرى «2016-2017-يىللىق دالا ئارخېئولوگىيە مۇكاپاتى» بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. دالا ئارخېئولوگىيە مۇكاپاتى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى باھالايدىغان جۇڭگونىڭ ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات بولۇپ، ئىككى يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ تۇنجى قېتىم تور يىغىنى شەكلىدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاشنى ئاخىرقى باھالاش يىغىنى ئېچىشى ئىكەن، ھەمدە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش شەكلى قوللىنىلىپ، كۆرگەزمە قىلىپ كۆرسىتىپ دوكلات قىلىش، باھالاش ۋە بېلەت تاشلاش قاتارلىق ھالقىلار بويىچە ئېلىپ بېرىلغان، بۇ جەرياندا ئامما «بۇلۇت تېرمىنالى سەيلىسى» ئارقىلىق، بۇ قېتىمقى باھالاش نەق مەيدانىغا «كىرەلىگەن». ئاخىرقى باھالاش يىغىنىدا، شىنجاڭ گۇچۇڭ شىچېڭزى خارابىسى ئۆزىنىڭ روشەن رايون خاسلىقى، مۇھىم، زور تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتى بىلەن مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاممىنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشكەن.