باش بەت>مۇھىم خەۋەر

شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق مۇسابىقىسى بېيتۈندە ئۆتكۈزۈلدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-11 11:09:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


   9- ئىيۇل شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق مۇسابىقىسى بېيتۈن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق مۇسابىقىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى، بىڭتۇەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، بىڭتۇەن 10-دىۋىزىيەسى بېيتۈن شەھىرى ئۇيۇشتۇردى، بىڭتۇەن ساياھەت ئىدارىسى، بىڭتۇەن تەنتەربىيە ئىدارىسى ھەمكارلاشتى، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 800 دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى بېيتۈن شەھىرىگە جەم بولۇپ، 200 مېتىر ۋە 500 مېتىرلىق ئىككى تۈر بويىچە مۇسابىقىلەشتى.