باش بەت>مۇھىم خەۋەر

تۇرپان شەھىرى يېڭىدىن ئىككى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2017-06-12 19:33:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

     «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى خاسىيەت جۈمە خەۋىرى: تۇرپان شەھىرى تيەنجىن، شىئەن قاتارلىق جايلار بىلەن بولغان ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقى، ساياھەت ۋە ھەر ساھەلەردىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېڭىدىن تيەنجىن – تۇرپان – غۇلجا، قەشقەر – تۇرپان – شىئەن قاتارلىق ئىككى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىدۇ.

   ئۇقۇشىمچە، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تيەنجىن – تۇرپان – غۇلجا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە 6 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ئۇچۇش رەسمىي باشلىنىدىكەن. ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى بىردىن نۆۋەتچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. قەشقەر – تۇرپان – شىئەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئۇچۇش باشلىنىدىكەن. يېڭى لىنىيە ئېچىلغاندىن كېيىن، تۇرپان ئايرودۇرۇمىدىن قەرەللىك قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئالتىگە، ئايروپىلان قاتنايدىغان شەھەر 11گە يېتىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ، تيەنجىن، شەندۇڭ، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى ۋە غەربىي شىمال قاتارلىق جايلاردىن شىنجاڭغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ۋە يولۇچىلار شىنجاڭ ئىچىدە تارقاقلىشىدىغان، جۈملىدىن باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئالمىشىپ شىنجاڭدىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بارىدىغان ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى شەكىللىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى يولۇچىلارنىڭ شىنجاڭ ئىچىدىكى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەرگە بېرىشى تېخىمۇ قولايلىقلىشىپ، سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلى تېخىمۇ كۆپ خىللىشىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ لىنىيە تۇرپاننىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىك ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا شارائىت ھازىرلاپ، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمى بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ‹‹بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىكەن.