باش بەت>مۇھىم خەۋەر

قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 1360 ئەمگەكچىسى تارباغاتايدا ئىشقا ئورۇنلاشتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-13 16:41:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

  «تەڭرىتاغ تورى» خەۋىرى: «ئىلگىرى ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى ئاز ئىدى. ھازىر چاغانتوقاي ناھىيەلىك ئورمانچىلىق باشقارمىسىدا ئۈچ ئايدىن كۆپ ۋاقىت خىزمەت قىلىپ مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدۇم، نۇرغۇن ئادەملەر ماڭا كۆيۈنىدىغان بولدى، تۇرمۇشۇممۇ بارغانسېرى بەختكە تولدى» 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ دامسى يېزىسىدىكى تۇرغۇن قاۋۇل ھاياجانلىنىپ يۇقىرىقىلارنى ئېيتتى.

 مۇخبىرنىڭ تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتى بۇ يىل قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 1360 نەپەر ئارتۇق ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

 نۆۋەتتە، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقى يۇقىرى بولۇپ، ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشتا ئۆگىنىش ئۈلگىسى، ئەمگەك نەمۇنىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىلىك شەخس، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولغان نەمۇنىچى بولۇشقا تىرىشىش مۇھىتى بارا-بارا شەكىللەنگەن.