باش بەت>مۇھىم خەۋەر

«0.9 مو» يەردىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش

يوللانغان ۋاقىت:2020-05-13 17:41:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئىمىىنجان ئابدۇرېھىم مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

ئوتتۇرا بوشقان كەنتى: 

«0.9 مو» يەردىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋاڭ يۈجاۋ، جوۋ پېڭ، ئارمان رازاق، يىن تۇڭيۈەن، ۋاڭ جوۋ


[ئاخبارات سىزمسى] 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئارزۇگۈل دۆلەت (ئوڭدا) خىزمەتداشلىرى بىلەن يېڭىدىن لايىھەلىگەن كىيىم-كېچەك پاسونىنى مۇزاكىرە قىلماقتا.

(«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مۇختەر ئەپىرى سىزغان)

لوپ ناھىيەسىنىڭ لوپ بازىرى ئوتتۇرا بوشقان كەنتى ناھىيە بازىرىغا ئاران 2.5 كىلومېتىر كېلىدۇ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاران 0.9 مو بولۇپ، ئىلگىرى ئىزچىل «نوقۇل» دېھقانچىلىق كەنتى ئىدى. كەنت ئاھالىلىرى ياڭاقلىقتا ھېچ يەرنى بوش قالدۇرماي بۇغداي، كۆممىقوناق تېرىپ كۈنلىرىنى تەستە ئۆتكۈزەتتى.

نامراتلىق، قانداق قىلىمىز؟ كەنت ئاھالىلىرىمۇ نامراتلىق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، نامراتلىقنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاشنى ئويلايتتى، ئەمما نېمىلا تېرىسا ئاينىمايتتى، نېمىلا باقسا ئاۋۇمايتتى، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆڭلىمۇ ئاستا-ئاستا سوۋۇپ كەتتى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەر سىجىل كۈچىنى كۆرسىتىپ، ئوتتۇرا بوشقان كەنتىدە بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى ئاياغ ئاستىدىكى بۇ تۇپراقنى قايتىدىن تونۇپ يەتتى، ھازىر ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھى مىسلىسىز يۇقىرى بولدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش «ئۇرۇق»ى تېرىش تېخىمۇ كۆپ كۈچنى قوزغىتىش

بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن ئارزۇگۈل دۆلەتنىڭ بويى ئېگىز بولۇپ، كىيىنىشكە ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇ چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرەتتى، باشقىلارنىڭ ئۆزى لايىھەلىگەن كىيىملەرنى كىيىشىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرەتتى. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، ئارزۇگۈل كەنتتە تىككۈچىلىك دۇكىنى ئاچقان بولسىمۇ، لېكىن تىجارىتى ياخشى بولماسلىقنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمىدى.

2018-يىلى، ئازراق پۇل يىغقان ئارزۇگۈلدە بىر ئوي پەيدا بولدى. شۇ چاغدا، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى كەنتتە تۇرۇشقا ئەۋەتكەن 1-شۇجى نيۇ يۈمىڭنىڭمۇ بىر ئويى بار ئىدى: كەنتتە كارخانا بولسا، يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى دېھقانلاردىن ئىشچىلارغا ئايلىنىدۇ، سالاھىيىتى ئۆزگەرسە، نەزەر دائىرىسىمۇ كېڭىيىدۇ. بۇ ئوي بىلەن ئارزۇگۈلنىڭ ئويى ئۇچرىشىپ «ئۇچقۇن» چىقاردى.

«يېقىن ئەتراپىمىزدىكى نەچچە كەنتكە قاراپ بېقىڭ، تۈزۈكرەك كىيىم-كېچەك كارخانىسى يوق، سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالامسىز؟» نيۇ يۈمىڭنىڭ سۆزى ھەم ئىلھاملاندۇردى، ھەم قىزىقتۇردى.

ئارزۇگۈلنىڭ قىزغىنلىقىغا ئوت يېقىلدى، ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان توپلىغان تەجرىبىسىگە تايىنىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، سىناپ بېقىش قارارىغا كەلدى. خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئىككى كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە 300 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق مەيداننى ئۆزگەرتتى، «لوپ ناھىيەسى تۇيغۇ كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى» ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، ئارزۇگۈل جۇشقۇنلۇق بىلەن ئاتلاندى.

دەسلەپتە، شىركەتنىڭ تىجارىتى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى، پۇل، ئادەم يېتىشمىدى، بىرنەچچە كېچە كىرپىك قاقماي لايىھەلىگەن پاسون خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلمىدى... ئارزۇگۈل چىشىنى چىشلەپ قەتئىي داۋاملاشتۇردى، رەخت ئېلىشقا پۇل بولمىسا نېسىغا ئالدى، ئادەم ياللىيالمىسا ئۆزى ئىشلىدى، ياخشى پاسون چىقىرالمىسا قايتا-قايتا ئۆزگەرتتى.

يۇرتداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئارزۇگۈلنىڭ ئويى بەك ئاددىي، ياشلا بىر قىزنىڭ شىركەت قۇرىمەن دېيىشى پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشمايدىغان خام خىيال دەپ قارىدى. لېكىن كەنت كادىرلىرى ئۇنى قوللاپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ئاز سوممىلىق ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىپ بەردى ھەم كەسپىي لايىھەلىگۈچى تەكلىپ قىلىپ يېتەكچىلىك قىلدۇردى، يەنە ئامال قىلىپ ناھىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەتلەس ئوبراز ئەلچىسى» پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ كىيىم-كېچەك سېتىش يولىنى ئاچتى.

ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، ناھىيەنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى قويۇشىغا ئۈلگۈرۈپ، شىركەت تۇنجى چوڭ زاكاز − نەچچە ئون يۈرۈش ئويۇن قويۇش كىيىمىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئارزۇگۈل ھاياجانلانغانلىقتىن يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدى.

شۇنىڭدىن باشلاپ، شىركەت ئاستا-ئاستا ئىزىغا چۈشتى، يۇرتداشلىرىمۇ ئارزۇگۈلگە يېڭىچە نەزەردە قارايدىغان بولدى، نامرات ئاھالىلەر بەس-بەستە ئۇنىڭ شىركىتىدە ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تېپىشنى ئويلىدى. ھازىر كىيىم-كېچەك شىركىتى پىشقان ئايال ئىشچىدىن 70تىن كۆپرەكنى تەربىيەلىدى، ئادەتتە 50 نەچچە كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق كىرىمنىڭ 2000 يۈەندىن كۆپرەك ھالەتتە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ كەلدى.

«نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك، يەنە قىزغىنلىقىنى يېتەكلەيدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزىدىكى ئەۋزەللىكنى تولۇق قېزىپ، ئەھۋالغا قاراپ يېتەكچىلىك قىلغاندىلا، تېخىمۇ كۆپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۈچىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ.» نيۇ يۈمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ پىكىر يولى بويىچە، كەنتتىكى ناۋايخانا، پارنىكتا كۆكتات تېرىش قاتارلىق كىچىك كەسىپلەردىمۇ تەدرىجىي ياخشىلىنىش كۆرۈلدى.

ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىش    كەشتە تىكىش گۇمپىسىنى ئىشقا سېلىش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا تۈپ جەھەتتىن يەنىلا كەسىپلەر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا تايىنىش كېرەك، كەنت كۆپ تەرەپتىن مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرى − «بوجۈ باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى»نى قۇردى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش قىيىن ئىش ئەمەس، قىيىن بولغىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى «جانلاندۇرۇش». كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپقا كىرىش ئاكتىپلىقىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى باشنى ئەڭ قاتۇردى، كەنت كادىرلىرى يىغىندا سەپەرۋەرلىك قىلسا، كەنت ئاھالىلىرى پەستە كۇسۇرلىشىپ سوغۇق سۇ سەپتى، تېخىمۇ كۆپ بولغىنى يەنىلا گۇمانلانغانلار بولدى.

«بىزنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەمىز تۆۋەن، باشقا ئىشلارنى قىلالمايمىز» «بىرئۆمۈر كالا-قوي بېقىپ بېيىيالمىدۇق، سىلەر قىلالامسىلەر؟ ھەپىلەشكەنسېرى تېخىمۇ نامراتلىشىپ كېتىشىمىزدىن قورقىمىز»... گەرچە بۇ تۈزلا ئېيتىلغان سۆز بولسىمۇ، لېكىن ئۇدۇل يۈرەككە تېگەتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارشى تۇرۇشى كۆڭلىدىكى قورقۇشتىن بولغانىدى، مەغلۇپ بولۇشتىن قورقاتتى، تېخىمۇ نامراتلىشىپ كېتىشتىن قورقاتتى.

نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئىنچىكە ئىش، بۇنىڭ ئۈچۈن كەشتە تىكىش گۇمپىسى بولۇش كېرەك، يەنە توغرا ئۇسۇل بولۇش كېرەك.

خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئىككى كومىتېتى ئالدى بىلەن بىر قىسىم كەنت ئاھالىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يۆلەپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يۈرۈشۈشىگە پۈتۈن مۇساپىدە قاتنىشىپ، نەسىلنى قانداق يېتىشتۈرۈش، قانداق بورداش، بازار ئەھۋالى قانداق بولۇش، قايسى ۋاقىتتا ياخشى باھادا ساتقىلى بولۇش... كەنت ئاھالىلىرىنى قولمۇقول يېتەكلەپ ئىشلىدى. سەككىز ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، خىزمەت ئەترىتى «كەسپىي دىرېكتور»نىڭ بىريۈرۈش كەسىپ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى تېپىپ چىقىپ، كەسپىي دىرېكتورلارنى باقمىچىلىققا كۆڭۈل قويۇپ مەسئۇل بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۈچىنچى تەرەپ مالىيە شىركىتىنى مالىيەنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇشقا كىرگۈزۈپ، باقمىچىلىق بىلەن تىجارەتنى ئايرىپ باشقۇردى، مەخسۇس خادىم مەخسۇس ئىش قىلىپ، ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپى پايچىكلىرىنىڭ بىرى دۆلەت ئابدۇللانىڭ تەجرىبىسى مول، كاللىسى ئۆتكۈر بولغاچقا، كوپىراتىپ ئەزالىرى تەرىپىدىن كەسپىي دىرېكتورلۇققا كۆرسىتىلدى. دۆلەتنىڭ بازار چارلاشقا ئېپى بار، ئامالىمۇ كۆپ بولۇپ، كالىنىڭ پايدىسى ياخشى بولسا كالا بېقىپ، قوينىڭ بازىرى ياخشى بولسا شۇ ھامان قوي تىجارىتى قىلىپ پۇل تېپىپ، تىجارەت ئۇسۇلىنى جانلىق قوللاندى، بۇنىڭ ئۈنۈمىمۇ تېز بولدى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۇنجى قېتىم پايدا تەقسىم قىلغاندا، ھەربىر ئائىلىگە پايدا تەقسىم قىلىنىش نىسبىتى 9.3تىن يۇقىرى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ۋەدە قىلىنغان نىسبەتتىن بىرقانچە پوئېنت يۇقىرى بولدى، پايدىنى ئەڭ كۆپ ئالغانلىرىنىڭ 4900 يۈەنگە يەتتى. شۇ يىلى 33 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلدى.

«ھازىر بىزنىڭ ئەڭ كۆپ ئويلاۋاتقىنىمىز شۇكى، چەكلىك يەر ۋە تەرەققىيات ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك بولمىغان شارائىتتا، قانداق ئەندىزىنىڭ ھەم نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قەرەلىدە قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقى، ھەم كەسىپلەرنىڭ سىجىل تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قىلچە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى نيۇ يۈمىڭ.

پايدا تەقسىملەش مېخانىزمى كۈچ بەردى    بەس-بەستە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قىزغىنلىقى ئاشتى

ھەر كۈنى ئەتىگەندە، نامرات ئاھالە روزىنىسا ئابلىز ھويلىسىنىڭ ئىچى-سىرتىنى بىر قېتىم تازىلايدۇ. ھويلا-ئارانلار ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئۆيلەر پاكىز، رەتلىك بولدى، ئادەملەرمۇ ئىشچان بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۆيىدىكى «چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى» ئىشىك ئالدىدىكى تامغا چاپلانغان، ئۇنىڭغا تۈرلۈك كىرىملەر ئېنىق خاتىرىلەنگەن، پايغا سۇندۇرۇپ مىقدارلاشتۇرۇش خەلققە قولايلىق تاللا بازىرى تۈرىدىن 1000 يۈەن، باقمىچىلىق مەيدانى تۈرى بويىچە تەقسىملەنگەن پايدا 1000 يۈەن، باقمىچىلىق مەيدانىنى كېڭەيتىش تۈرى بويىچە تەقسىملەنگەن پايدا 1000 يۈەن.

«پايدا تەقسىملىنىدىغان تۈر ۋە مەبلەغ ئېنىق يېزىلىدۇ، بىر قاراپلا نامرات ئاممىغا بېرىشكە تېگىشلىكلىرىدىن بىر پۇڭمۇ كەم قالمىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ» دېدى نيۇ يۈمىڭ. لېكىن، نامراتلارنى يۆلەش ئاددىي ھالدىكى پۇل، ماددىي بۇيۇم بېرىش ئەمەس، نامرات ئاممىنى كىرىم يارىتىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جانلاندۇرغاندىلا، ئاندىن يۆلەپ ھۇرۇن قىلىپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

نامراتلارنى يۆلەش كەسىپ تۈرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاش ئۈچۈن، كەنت تۈر پايدا تەقسىملەش مېخانىزمىنى مەخسۇس تۈزۈپ چىقىپ، تۈردىن مەنپەئەتلىنىدىغان نامرات ئاھالىلەرنى ئەمگەك ئىقتىدارى يوق، ئەمگەك ئىقتىدارى ئاجىز ۋە ئەمگەك ئىقتىدارى بار دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىدى، ئەمگەك ئىقتىدارى يوقلاردىن نەق پۇل بىلەن ھال سورىدى، قالغان ئىككى تۈردىكىلەر ئەمگەك ئارقىلىق جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشىپ، جۇغلانما نومۇر بويىچە پايدا تەقسىملەش مەبلىغى ئالدى. نيۇ يۈمىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئەمگەك مەزمۇنى ئاساسلىقى ئەخلەت تېرىش، غازاڭلارنى سۈپۈرۈش ھەمدە ئۆينىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىشلارنى قىلىش بولۇپ، ئەمگەك سىجىللىقى ئانچە چوڭ ئەمەس. مەسىلەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھويلا تېمى ۋە دەرۋازىنى رېمونت قىلسا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھويلا-ئاراندىكى ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى تازىلاپ، رەتلىسە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەتەرلىك، كونا ئاشخانىلارنى ئۆزگەرتسە جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشىپ پايدا ئالالايدۇ.

ھازىر كۆپچىلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا دۆلەتكە، كادىرلارغا تايىنىپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئۆزىگە تايىنىش كېرەكلىكىنى چۈشەندى.

پايدا تەقسىملەش مېخانىزمى نامرات ئاھالىلەرنىڭ ھويلا-ئاران مۇھىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئەمگەك ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى نامرات ئاھالىلەردە ئەمگەك قىلىپ ئېرىشىش، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ بېيىش ئېڭىنى يېتىلدۈردى. «مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇر» دىن «مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن»گىچە، ئوتتۇرا بوشقان كەنتى ئۆزگەردى، بەس-بەستە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قىزغىنلىقى بارغانسېرى كۈچەيدى.

ھازىر، روزىنىسا دائىم خىزمەت ئەترىتىدىن قىلىدىغان ئىش تەلەپ قىلىدۇ، ئۇ ھويلا-ئاراننى ئۆزگەرتىش، كەنت تازىلىقىنى قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ناھايىتى ئەستايىدىل قىلىدۇ. «ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلساق، كۆڭلىمىز توق بولىدىكەن» دېدى ئۇ.