باش بەت>بايلىق

قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونى ‹‹سېرىق قاشتاش ماكانى›› نامىغا ئېرىشتى

يوللانغان ۋاقىت:2015-11-24 17:36:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:

 

يېقىندا، قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونىغا جۇڭگو ئەرمەك تاش جەمئىيىتى تەرىپىدىن ‹‹جۇڭگو ئەرمەك تاش ماكانى سېرىق قاشتاش ماكانى›› دېگەن نام بېرىلدى. 

    ئورقۇ رايونى سېرىق قاشتاش ماكانى بولۇپ، قاشتاش بايلىقى دائىرىسى ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قۇمۇل ۋىلايىتى، تۇرپان شەھىرىگىچە تۇتۇشىدۇ، ئورقۇ رايونى شىنجاڭدىكى سېرىق قاشتاش كۆپ چىقىدىغان مەركىزىي رايون . بۇ رايوندا سېرىق قاشتاش سېتىش كوچىلىرى، سېرىق قاشتاش كۆرگەزمىخانىسى بار. قاراماي شەھىرى بۇ رايوندا سېرىق قاشتاش سودا مەركىزىنى قۇرۇپ، سېرىق قاشتاشقا مۇناسىۋەتلىك قېلىپلاشقان ئۆلچەملەرنى بەلگىلەپ، ئۆلچەملىك سېرىق قاشتاشلارنى سېتىش، پىششىقلاپ ئىشلەش بازىرىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى. ھازىر سېرىق قاشتاش ئورقۇ رايونىنىڭ ساياھەت خاتىرە بۇيۇمى بەلگىسىگە ئايلاندى. قاراماي شەھىرى سىرتقى تەشۋىقاتنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىپ، يىلىغا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلىش جەھەتتە كۈچلۈك رول ئوينىدى. 

     چۈشەندۈرۈلۈشىچە، 2010 – يىلى ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونى مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيەت – ساياھەت بايرىمى شۇ جاينىڭ مىللىي ئۆرپ – ئادىتىنى نامايان قىلىدىغان ۋاسىتىگە ئايلانغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئورقۇ رايونىدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ شەھەر، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سېرىق قاشتاش ئويمىچىلىق مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، 2014 – يىلىدىن باشلاپ سېرىق قاشتاش ئويمىچىلىق مۇسابىقىسى مەملىكەت دائىرىسىگە كېڭەيتىلىپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن سېرىق قاشتاش يىغىپ ساقلىغۇچىلار، ھۈنەر – سەنئەتچىلەر تەكلىپ قىلىنىپ، سېرىق قاشتاشنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نامى ۋە تەسىرى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلگەن.