باش بەت>قانۇن-تۈزۈم

ۋىلايىتىمىزدە قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات-تەربىيە خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-03-09 12:36:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

مۇخبىرىمىز مەرھابا ئېزىز خەۋىرى: بۇلتۇردىن بۇيان ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە تارماقلىرى «7-بەش يىللىق قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش»نىڭ باشلىنىش يىلىنى تۇتقا قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدا قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا، قانۇن ئىدارە قىلىش مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ، ۋىلايىتىمىزدە قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات-تەربىيەسى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

ۋىلايىتىمىزدىكى ئەدلىيە تارماقلىرى «6-بەش يىللىق قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش» نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەش ئاساسىدا ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن «ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ۋىلايەتلىك قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ۋىلايەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ ۋىلايەت بويىچە پۇقرالار ئارىسىدا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەشۋىقات-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ7- بەش يىللىق پىلانى (2016-2020)»نى ئىلمىي تۈزۈپ تارقاتتى؛ «قانۇننى يېزىلارغا يەتكۈزۈش»، «ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى»، «ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار تەشۋىقات ئېيى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، «قانۇننى يېزىلارغا يەتكۈزۈش»تە ئاممىغا قانۇن تەشۋىقاتى ئاسما رەسىمى، قوللانمىسىدىن 180 نەچچە مىڭ پارچە تارقىتىپ، 100 مىڭ ئادەم(قېتىم) گە قانۇندىن مەسلىھەت بەردى، «ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى»دە ۋىلايەت بويىچە 100 مىڭدىن كۆپرەك دۆلەت خىزمەتچىسىنى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇردى، «ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار تەشۋىقات ئېيى»دا ۋىلايەت بويىچە 40 نەچچە ئورۇننى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئادەم كۆپ جايلارغا 80 نەچچە تەشۋىقات ئاپتوموبىلى چىقىرىپ، 60 مىڭ پارچىدىن كۆپرەك تەشۋىقات ۋارىقى، 10 مىڭ پارچىدىن كۆپرەك تەشۋىقات قوللانمىسى تارقىتىپ، 310 نەچچە مەيدان تەشۋىقات - لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇپ، تەشۋىقات دوسكىسىدىن 60 نەچچىنى ياسىتىپ، ئاممىغا قانۇن ئىدارە قىلىشقا ئائىت 40 نەچچە مەيدان ئويۇن، ئىككى مەيدان كىنو كۆرسىتىپ، تەربىيەگە ئىگە بولغانلار سانىنى 210 مىڭغا يەتكۈزدى؛ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» مەزمۇنىدىكى تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، «بەشتە ياخشى ياشلاردىن بولۇش» بويىچە 66 مەيدان لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇپ، تەربىيەگە ئىگە بولغانلارنى 22 مىڭ كىشىگە يەتكۈزدى، خادىملارنى تەشكىللەپ 14 پارچە لېكسىيە ماتېرىيالى يازغۇزۇپ، ئۇلارنى ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لەرگە ئەۋەتىپ، 50 نەچچە مەيدان لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇنىڭدىن تەربىيەگە ئىگە بولغانلار سانىنى 76 مىڭ كىشىگە يەتكۈزدى؛ قەشقەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەر قايسى قاناللىرىدا ھەر كۈنى كەچتە قويۇلىدىغان پاراۋانلىق ئېلانى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، «ئاساسىي قانۇن»، «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى نىزامى» قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلغاندىن باشقا، يانفۇن ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىپ 300 مىڭدىن كۆپرەك كىشىگە قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر يوللاپ، ئاممىنىڭ قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈردى.   

سۈرەتتە: كادىر - ساقچىلار ئاممىغا پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرمەكتە.  (مۇخبىرىمىز مەرھابا ئېزىز فوتوسى)