باش بەت>قانۇن-تۈزۈم

ئادەتتە سەل قارىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-03 11:30:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

    قانۇننىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، كىشىلەر تۇرمۇشتا سەللا دىققەت قىلمايدىكەن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ قويىدۇ - دە، قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. ئۇنداقتا ئادەتتە سەل قارىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار قايسىلار؟

    ئاتا - ئانىسىنىڭ مال - مۈلكىنى خالىغانچە  ئېگىلىۋېلىش

   بەزى پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالماي، ئۇلارنىڭ مال - مۈلكىنى ئۆيىگە توشۇيدۇ. بۇ ئىش ئۇلارنىڭ ئاتا - بالىلىق مۇناسىۋىتى بىلەن يېپىلىپ قالىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىدا: ئاتا - ئانىسىنىڭ مال- مۈلكىنى ئېلىۋالغان ئائىلە ئەزالىرىغا ئامانلىق ساقلاش نىزامى بويىچە جازا بېرىلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئەگەر پەرزەنتلەر ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن بولسا، ئاتا - ئانىسىنىڭ مال - مۈلكى ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ. ھەر قانداق ئادەم جۈملىدىن پەرزەنتلەرنىڭمۇ ئۇنى خالىغانچە ئېلىپ كېتىشكە بولمايدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ مال - مۈلكىنى ئېلىۋېلىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان بولسا، ئوخشاشلا ئوغرىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

    كېسەل بولۇپ قالغان جورىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى رەت قىلىش

    جورىسى ئۇزاق مەزگىل ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالسا، يەنە بىر تەرەپ ئۇنى بېقىشتىن، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتىن قاچىدۇ، ئۇلار جورىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا، ئەل - جامائەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايمەن، ئەمما قانۇنىي جازاغا ئۇچرىمايمەن، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنىدا: «ئەگەر جورىسى ئاغرىپ قالسا، قارشى تەرەپنىڭ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار. قارشى تەرەپ تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدىغان  بولۇپ قالسا، ئۇنى بېقىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك» دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدىغان جورىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە بېقىشنى رەت قىلىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدۇ.

    باشقىلارنى تىللاش - ھاقارەتلەش

    ئادەم ئۇرۇشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ. ئەمما ئادەم تىللاشنىڭمۇ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن كىشى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، مەيلى يېزىق، تېلېفون، ئىنتېرنېت تورىدا ياكى يۈز تۇرا تىللاش بولسۇن، ھەممىسى باشقىلارنىڭ نام - ئابرۇيىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش ھېسابلىنىدۇ، ئېغىر بولغانلىرى تۆھمەت جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

    پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە بەرمەسلىك

    بەزىلەر پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە بېرىش- بەرمەسلىكنى ئاتا - ئانىلارنىڭ ھوقۇقى دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق، سودا - سېتىق ئىشلىرىنىڭ جىددىيچىلىكىنى باھانە قىلىپ، بالىسىنى ئوقۇشتىن توختىتىۋالىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى»دا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنغان. ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە شارائىت يارىتىپ بەرمەسلىكىنىڭ ئۆزى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى