باش بەت>قانۇن-تۈزۈم

دۆلەت يېڭى ئۆلچىمى توكلۇق ۋېلىسىپىتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2018-06-12 17:59:00 مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى، سابىق دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، سابىق دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە كارانتىن-پىرىيوم باش ئىدارىسى (دۆلەت ئۆلچەم كومىتېتى) بۇ يىل 16-يانۋار «توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمى»نىڭ تەستىقلاشقا يوللىنىلىدىغان نۇسخىسىنى بىرلىشىپ ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىن پىكىر ئالدى.

دۆلەت ئۆلچەم كومىتېتى يېقىندا توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى دۆلەت ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى، ئۆلچەمدە مۇنداق بېكىتىلدى: «توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرنىڭ تەپكە تېپىپ مىنىش ئىقتىدارى بولۇشى، سائەتلىك يۇقىرى سۈرئىتى 25 كىلومېتىردىن، ئېغىرلىقى 55 كىلوگىرامدىن (ئاككۇمۇلياتورنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئېلېكتىر قۇۋۋىتى 400 ۋاتتىن، ئاككۇمۇلياتورنىڭ ئېلېكتىر بېسىمى 48 ۋولتتىن ئاشماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزگەرتىلىش ۋە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئوت ئېلىشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى، زەرەتلىگۈچىنى قوغداش قاتارلىق تېخنىكىلار قوللىنىلىشى تەلەپ قىلىندى.

توكلۇق ۋېلىسىپىت يېڭى دۆلەت ئۆلچىمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ يېڭى دۆلەت ئۆلچىمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۆلچەمگە يەتمىگەن توكلۇق ۋېلىسىپىتلەر قانداق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ؟ مۇخبىر بۇ ھەقتە ئالاقىدارلارنى زىيارەت قىلدى.

ئۆلچەمگە يەتمىگەن توكلۇق ۋېلىسىپىتلەر نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىدۇ؟

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزدە توكلۇق ۋېلىسىپىت مىقدارى ئىزچىل يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن 1999-يىلى ئېلان قىلىنغان توكلۇق ۋېلىسىپىت ئۆلچىمى قوللىنىلغاچقا، نۇرغۇن توكلۇق ۋېلىسىپىتلەردە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغانىدى. بۇ يىلدىن باشلاپ بەزى جايلار ئۆلچەمگە يەتمىگەن توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرنى تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى.

خەينەن ئۆلكىسى دەنجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى «ئۆلچەمگە يەتمىگەن ئىككى چاقلىق، ئۈچ چاقلىق توكلۇق ۋېلىسىپىت ئىگىلىرىگە ئوچۇق خەت»نى يېزىپ، 15-مايدىن باشلاپ ئۆلچەمگە يەتمىگەن توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرنى مىنىش قىلمىشىنى مەخسۇس تۈزىدى.

جۇڭگو خەلق جامائەت خەۋپسىزلىكى داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى دىڭ لىمىن مۇنداق دېدى:

ــ ئىلگىرى توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرنى باشقۇرۇشتا قانۇن چىقىرىش، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش، بازار يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مەسىلە ساقلانغانىدى، جايلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى مۇكەممەل بولمىغاچقا، ئۆلچەمگە يەتمىگەن توكلۇق ۋېلىسىپىتلەر بىرقەدەر كۆپ بولۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەنىدى. ئۆلچەمگە يەتمىگەن توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرنىڭ بىرقەدەر كۆپ بولۇشىدىكى سەۋەب: بىرىنچىدىن، زاۋۇت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، نوقۇل ھالدا ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان، توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئاپتوموبىل سېتىۋالالمايدىغان كىشىلەرگە تاللاش پۇرسىتى ياراتقان. بەزى شەھەرلەردە «موتوسىكلىت مىنىشنى چەكلەش» سىياسىتى يولغا قويۇلغاچقا، شۇ جايدىكى ئامما سىرتلارغا چىقىشتا قولايلىق بولۇشى، يۈك بېسىشتا ئەپلىك بولۇشى ئۈچۈن چاققان، ئەپچىل بولغان توكلۇق ۋېلىسىپىتنى قاتناش قورالى قىلىپ تاللىغان، شۇنىڭ بىلەن زاۋۇتلار سېتىش مىقدارىنى قوغلىشىپ، سۈرئىتى بىرقەدەر تېز، بىرقەدەر ئېغىر يۈك كۆتۈرۈشچان توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرنى سېتىشنى قوغلاشقان، باشقۇرۇش جەھەتتىمۇ بىر قىسىم مەسىلىلەر ساقلانغان، چۈنكى توكلۇق ۋېلىسىپىتكە بەلگىلىك باج تاپشۇرۇلغاچقا، يەرلىك ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرۇپ قويغان؛ ئىككىنچىدىن، قاتناش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرنى باشقۇرۇشى بىرقەدەر قىيىنغا توختايدۇ، مەسىلەن، ئاپتوموبىلنى نەق مەيداندا قانۇن ئىجرا قىلىش، غەيرىي نەق مەيداندا قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرغىلى بولىدۇ، ئەمما توكلۇق ۋېلىسىپىت ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ سانى كۆپ، كوللېكتىپ قوللىنىشچان خاراكتېرگە ئىگە بولغاچقا، ئاسان باشقۇرغىلى بولمايدۇ. ئەمەلىي ئەھۋالدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان توكلۇق ۋېلىسىپىتنى توختاتقان تەقدىردىمۇ، جازالاش بىرقەدەر قىيىن. ئۇنىڭدىن سىرت، قاتناش باشقۇرۇش جەھەتتە، ساقچىلار ئاساسىي زېھنىنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەرتىپكە سېلىشقا قارىتىدۇ.

يېڭى دۆلەت ئۆلچىمى ئارقىلىق تېخىمۇ بىخەتەر بولۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ

يېڭى ئۆلچەمدە توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئوت ئېلىشتىن ساقلىنىش، زەرەتلىگۈچىنى قوغداش جەھەتلەردىكى ئىقتىدارى تولۇقلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يوشۇرۇن ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش خەۋپى ئازايتىلدى، بۇ ئىقتىدارلار ھازىرلانغاندىن كېيىن توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئوت تۇتىشىپ كېتىش ياكى شۇ سەۋەبلىك ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ قالسا، ئوتنىڭ يامراش سۈرئىتى ئاستىلىتىلىپ، ئوتتىن ساقلىنىشتىكى ۋاقىت قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تالاپەت ۋە مال-مۈلۈك زىيىنىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئازايتقىلى بولىدۇ.

دىڭ لىمىن مۇنداق دېدى:

ــ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرگە مۇناسىۋەتلىك قاتناش ھادىسىلىرى كۆپ يۈز بەردى. توكلۇق ۋېلىسىپىت باشقا مەھسۇلاتلارغا ئوخشىمايدۇ، توكلۇق ۋېلىسىپىت ئاممىنىڭ كۈندىلىك يول يۈرۈشى، بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يېڭى دۆلەت ئۆلچىمىنىڭ چىقىشى ۋە يولغا قويۇلۇشى بۇ ساھەدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرنى ئۆلچەمگە لايىقلاشتۇرۇش قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم شەرتى ھېسابلىنىدۇ. يېڭى ئۆلچەمدىكى سۈرئەت، ئېغىرلىق، ئېلېكتىر قۇۋۋىتىنىڭ يۇقىرى چېكى قاتارلىق بېكىتمىلەر نۇرغۇن تەتقىقات ۋە تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ مۇقىملاشتۇرۇلغان. بۇ ئۆلچەم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، توكلۇق ۋېلىسىپىت ساھەسى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ، توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرنى باشقۇرۇش، يۈرۈش بىخەتەرلىكى، قاتناشنى تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق تەرەپلەردە يەنىمۇ ياخشىلىنىش بولىدۇ.

چىڭخۇا داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى يۈ لىڭيۈن مۇنداق دېدى:

ــ توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئائىت يېڭى دۆلەت ئۆلچىمىنىڭ ئاكتىپ ئەھمىيىتى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ: ئۆلچەم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، بارلىق زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان توكلۇق ۋېلىسىپىتلەر چوقۇم يېڭى ئۆلچەمگە لايىقلىشىدۇ، ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرنى بازارغا سېلىش چەكلىنىپ، داۋاملىق بازارغا سېلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ قالسا، ئۆلچەمگە يەتمىگەن مەھسۇلات قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى مەسىلىلىرىگە ئېنىق ئۆلچەم قويۇلۇپ، ئالاقىدار تارماقلار يېڭى ئۆلچەمگە ئاساسەن قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىدۇ، ئۇلار ئۆلچەمگە يەتمىگەن توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىشتىمۇ مۇناسىپ ئاساسقا ئىگە بولىدۇ.

يېڭى ئۆلچەمنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ

ئىگىلىنىشىچە، يېڭى ئۆلچەم كېلەر يىلى 15-ئاپرېلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن، بۇ يىل 15-مايدىن كېلەر يىلى 14-ئاپرېلغىچە ئۆتكۈنچى مەزگىل ھېسابلىنىدىكەن. ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى «تېخنىكا ئۆلچىمى»گە ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىشقا، سېتىش كارخانىلىرى «تېخنىكا ئۆلچىمى»گە ماس مەھسۇلاتلارنى سېتىشقا، ئىستېمالچىلار «تېخنىكا ئۆلچىمى»گە ماس مەھسۇلات سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدىكەن. «تېخنىكا ئۆلچىمى» رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، «تېخنىكا ئۆلچىمى»گە ماس كەلمەيدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى، سېتىلىشى ۋە ئىمپورت قىلىنىشى چەكلىنىدىكەن.

يۈ لىڭيۈن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۆتكۈنچى مەزگىل توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

ــ زاۋۇتلار بۇ ئۆتكۈنچى مەزگىلدە مۇناسىپ تەڭشەش قىلىپ، ئەسلىدىكى ئۆلچەمگە توشمايدىغان توكلۇق ۋېلىسىپىت ياساش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆلچەملىك توكلۇق ۋېلىسىپىت ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك. سودىگەرلەرنىڭ ئامبىرىدا ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان نۇرغۇن توكلۇق ۋېلىسىپىت ساقلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن كېيىن بۇ توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرنى سېتىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭدىكى ياخشى چارە ــ زاۋۇتلار ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرنى يىغىۋېلىپ، ئۆزگەرتىپ ياساش ئارقىلىق دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ماسلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىستېمالچىلار سېتىۋالغان ياكى ئىشلىتىۋاتقان ئۆلچەمسىز توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرنى يەرلىك مۇناسىپ نىزام ۋە سىياسەتلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئائىت دۆلەت يېڭى ئۆلچىمىنى يۈرگۈزۈش جەھەتتە، ئۆلچەمگە توشمايدىغان توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرنى تۈزەشكە بىر مەزگىل ۋاقىت بېرىش كېرەك. توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرنىڭ دۆلەت يېڭى ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، بەزى جايلاردىكى %80تىن %90كىچە بولغان توكلۇق ۋېلىسىپىت ئۆلچەمگە توشمايدۇ، بۇلارنى بىرتەرەپ قىلىش، تۈزەش ئۈچۈن بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ، چۈنكى بۇ ئىش نەچچە مىليون توكلۇق ۋېلىسىپىت ئىگىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىش مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ، بۇ مەزگىلنىڭ قانچىلىك بولۇشى ۋە بۇ مەزگىلدىكى سىياسەتنىڭ تۈزۈلۈشى جەھەتتە، جايلار دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئاساسەن مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشى، ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسلىنىپ مۇئەييەن قائىدە تۈزۈشى كېرەك. ئۆلچەمگە توشمايدىغان توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرنىڭ سانى ھەر قايسى جايلاردا ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇناسىپ مەزگىل ۋە تەدبىر تۈزۈشى كېرەك، مەسىلەن، بېيجىڭ شەھىرى ئۈچ يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلنى يولغا قويغان، بۇ لايىھەدە بەلگىلىنىشىچە، سېتىۋالغان توكلۇق ۋېلىسىپىت ئۆلچەمگە توشمىسا، مال قايتۇرۇش ھوقۇقى بېرىلىپ، شۇ ئارقىلىق زاۋۇتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سودىگەرلەرنىڭ سېتىشى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۆلچەمگە ماس كېلىدىغان توكلۇق ۋېلىسىپىت سېتىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

جۇڭگو «قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى