باش بەت>قانۇن-تۈزۈم

ھوقۇققا چېقىلغاندا، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدا ھوقۇق تەۋەلىكى قانداق بېكىتىلىپ تالاش-تارتىش تۈگىتىلىدۇ؟

يوللانغان ۋاقىت:2020-06-14 19:28:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم مەسئۇل مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شيۇڭ فېڭ، جۇ ۋېنتاۋ، شيې خاۋ

ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئېچىپ كۆرگىنىمىزدە، ئىجتىمائىي ئالاقىدىن ئىقتىسادىي پائالىيەتكىچە، قاتناش ھادىسىسىدىن داۋالاش ماجىراسىغىچە، ئەمەلىي زىياندىن توردا ھوقۇققا چېقىلىشقىچە بولغان ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب تاپقىلى بولىدۇ.

ئېگىزدىن نەرسە تاشلىغاندا، «باشنىڭ بىخەتەرلىكى»نى قانداق قوغداش كېرەك؟

[دېلو مىسالى] بۇ يىل 5-ئايدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئېگىزدىن نەرسە تاشلاش، نەرسە چۈشۈپ كېتىشكە چېتىشلىق ئون دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر دېلودا جۇخەيدىكى مەلۇم مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، سىرتقى تامدىكى فار فۇر خىش چۈشۈپ كېتىپ يولۇچىنىڭ يارىلىنىپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئۈچۈن، سوت مەھكىمىسى مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتىنى 890 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۆلەم بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان.

[قانۇن چۈشەندۈرۈلۈشى] بۈگۈنكى كۈندە شەھەرلەردە ئېگىز بىنالار كۆپ، نوپۇسنىڭ ئولتۇراقلىشىش زىچلىقى يۇقىرى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېگىزدىن نەرسە تاشلاپ باشقىلارنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچرىتىش ۋەقەلىرى ھەرقايسى جايلاردا پات-پات يۈزبېرىۋاتىدۇ.

ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئىمارەتتىن نەرسە تاشلاش مەنئى قىلىنىدۇ. ئىمارەتتىن تاشلانغان ياكى چۈشۈپ كەتكەن نەرسە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزسە، ھوقۇققا چېقىلغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ؛ تەكشۈرۈش ئارقىلىق كونكرېت ھوقۇققا چېقىلغۇچىنى بېكىتكىلى بولمىسا، ئۆزىنىڭ ھوقۇققا چېقىلغۇچى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگەنلەردىن باشقا، زىيان سېلىش ئېھتىمالى بولغان ئىمارەت ئىشلەتكۈچىلەر تۆلەم بېرىدۇ. زىيان سېلىش ئېھتىمالى بولغان ئىمارەت ئىشلەتكۈچىلەر تۆلەم بەرگەندىن كېيىن، ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئېگىزدىن نەرسە تاشلاش بىر خىل ئالاھىدە بولغان ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى بولۇپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى سادىر قىلغۇچىنى بېكىتىش بىرقەدەر قىيىن. خۇادۇڭ سىياسىي-قانۇن داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى چېن جىڭيىڭ مۇنداق دېدى: قانۇن ماددىسىدا، ئەگەر سىزنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى سادىر قىلغۇچى ئەمەسلىكىڭىزنى ئىسپاتلىغىلى بولمىسا، بۇ چاغدا قانۇنىي پەرەز بويىچە، زىيان سېلىش ئېھتىمالى بولغان ئىمارەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى مەخسۇس بەلگىلەنگەن. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدا ئۇنىڭغا تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقى بېرىلگەن، ئەگەر زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا تۆلەم بەرگەندىن كېيىن، ھوقۇققا ھەقىقىي چېقىلغۇچىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولسا، ھوقۇققا ھەقىقىي چېقىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغۇچىدىن قانۇن بويىچە تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

ياخشى نىيەتتە ياردەم قىلىپ ئادەم سېلىۋېلىپ، ھادىسە يۈزبەرسە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟

[دېلو مىسالى] خۇاڭ ئەپەندى ئىشتىن چۈشكەندە، بىر ئولتۇراق رايوندا ئولتۇرىدىغان ۋاڭ خانىمنى دائىم ئاپتوموبىلىغا ھەقسىز سېلىۋېلىپ بىللە قايتاتتى، مەلۇم بىر كۈنى ئۆيگە قايتىش يولىدا قاتناش ھادىسىسى يۈزبېرىپ ۋاڭ خانىم يارىلانغان. ۋاڭ خانىم خۇاڭ ئەپەندى بىلەن سۇغۇرتا شىركىتىنى سوتقا ئەرز قىلىپ، ئۇلاردىن 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بارلىق زىياننى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. خۇاڭ ئەپەندى ئۇۋاللىق ھېس قىلىپ، ياخشى ئىش قىلىپمۇ يەنە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىدىن زەردىسى قايناپ ئۆزىنى باسالماي قالغان.

[قانۇن چۈشەندۈرۈلۈشى] ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تىجارەتسىز موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ، شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ھەقسىز چىقىۋالغۇچىغا زىيان يەتكەندە، ھادىسىنىڭ جاۋابكارلىقى شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدە بولسا، ئۇنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىش كېرەك، لېكىن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچىدە قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

شوپۇر قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىدىن ھېچقانداق ھەق ئالمىغان ئەھۋالدا، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئۆزى ھەيدىگەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلسا، ھەرىكىتى جەمئىيەت ئەخلاقى ۋە يېشىل سەپەر ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن بولۇپ، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوللاش كېرەك. قاتناش ھادىسىسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئادىللىق پىرىنسىپىغا ئاساسەن شوپۇرنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىش كېرەك، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدا بۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

بېيجىڭ شەھەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى گاۋ زىچېڭ مۇنداق دېدى: «ئاپتوموبىلغا ھەقسىز ئولتۇرۇش ئەتراپىمىزدا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بەزىلەر ھەقىقەتەن ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە يولۇققاندا، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىلىغا چىقىرىۋالاي دېسىمۇ، لېكىن ھادىسە يۈزبېرىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئەنسىرەپ، باشقىلارنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇشىنى رەت قىلىدۇ. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدا ‹ياخشى نىيەتتە چىقىرىۋېلىش› ماددىسى كۆپەيتىلىپ، كىشىلەر باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈلدى، بۇ، ئاممىۋى تەرتىپ، ياخشى ئادەتكە ھەم ئادىللىق پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن».

نۇقسانى بار مەھسۇلات سېتىۋالغاندا، قايتۇرۇۋېلىش خىراجىتىنى كىم «ئۈستىگە ئالىدۇ»؟

[دېلو مىسالى] 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، ۋۇخەن شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى 2020-يىلى 10-قارارلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى. خۇبېيدىكى بىر يېمەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئۆردەك بوينى، توخۇ پۇتى قاتارلىق مەھسۇلاتلاردا باكتېرىيە توپىنىڭ ئومۇمىي سانى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، جازىدىن چۈشۈرۈش، قايتۇرۇۋېلىش تەلەپ قىلىنغان.

[قانۇن چۈشەندۈرۈلۈشى] ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: مەھسۇلاتتا نۇقسان كۆرۈلۈش سەۋەبىدىن باشقىلارغا زىيان يەتكەن بولسا، ئىشلەپچىقارغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. مەھسۇلات ئوبوروتقا سېلىنغاندىن كېيىن نۇقسان بايقالسا، ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچىلار سېتىشنى توختىتىش، ئاگاھ بېرىش، قايتۇرۇۋېلىش قاتارلىق قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىشى كېرەك؛ ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانماي ياكى كۈچلۈك قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانماي زىياننى چوڭايتىۋەتكەن بولسا، چوڭىيىپ كەتكەن زىيان ئۈچۈنمۇ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتۇرۇۋېلىش تەدبىرى قوللىنىلغان بولسا، ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچىلار ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى شۇ سەۋەبتىن چىقىم قىلغان زۆرۈر خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

چۇڭچىڭ سوتۇڭ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى خەن دېيۈن مۇنداق قارىدى: ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچىنىڭ نۇقسانى بار مەھسۇلاتنى قايتۇرۇۋېلىش جاۋابكارلىقى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقارغانلىق ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىك بولۇپ، بازار ئىگىلىكى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتىكى، بولۇپمۇ پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك يېمەكلىك، دورا ساھەسىدە كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى زۆرۈر تەدبىر.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)