باش بەت>خەلقئارا

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىشانىنى يەنە بىر قېتىم ئۆرلەتتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-15 11:54:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:

    خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 7- ئاينىڭ 24-كۈنى مالايسىيانىڭ پايتەختى كۇئالالۇمپۇردا «دۇنيا ئىقتىسادىغا نەزەر دوكلاتى» نىڭ يېڭىلانغان مەزمۇنىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىشانىنى 0.1 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلىتىپ، %6.7 كە، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىشانىنى 0.2 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلىتىپ، %6.4 كە يەتكۈزدى. بۇ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 2017- يىللىق ئېشىش نىشانىنى 3-قېتىم ئۆرلىتىشى ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىم جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىشانىنى ئۆرلىتىشتە ئاساسلىقى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل 1- پەسىللىك ئىپادىسىنىڭ ياخشىلىقى ھەم كەلگۈسىدە مالىيە مەدىتىگە داۋاملىق ئېرىشىشىدىن ئۈمىد بارلىقى نەزەردە تۇتۇلدى.

(«خەلق تورى» دىن)