باش بەت>دۆلەت ئىچى

مەركەز مالىيەسى شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتى كاپالەت مېخانىزمى خامچوتىدىن 117 مىليارد يۈەن ئاجراتتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-06-16 17:26:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

    مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتى كاپالەت مېخانىزمى خامچوتىدىن 117 مىليارد يۈەن ئاجراتقان بولۇپ، 2016- يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، 7 مىليارد يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %6.4كە يەتكەن.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەركەز مالىيەسى ھەر قايسى جايلاردىن يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرگە تولۇقلىما بېرىش» ۋە شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارچە ئوقۇش خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى دەرسلىك بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش ھەمدە قىسمەن دەرسلىكلەرنى دەۋرىي ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، شەھەرلەردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار، ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن مەملىكەت بويىچە شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 143 مىليون ئوقۇغۇچى ھەقسىز دەرسلىككە، شەھەر - يېزىلاردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار، ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان 13 مىليون 770 مىڭ ئوقۇغۇچى تۇرمۇش تولۇقلىمىسىغا ئېرىشىدىغان بولۇپ، شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ تەخمىنەن 14 مىليون پەرزەنتىنىڭ «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرگە تولۇقلىما بېرىش» خىراجىتى ۋە ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا توغرا كېلىدىغان ئاممىۋى خىراجەت ئۆلچەم مەبلىغى ھەل بولىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى