باش بەت>دۆلەت ئىچى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكىتىمىزدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.3 ئاشتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-15 11:33:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

مالىيە مىنىستىرلىقى 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەملىكىتىمىزدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى پېيى كونتېرول قىلىنىدىغان كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادى مۇقىم ياخشىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ كىرىمى ۋە پايدىسى بىر قەدەر سىجىل ئېشىپ، پايدا ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون 407 مىليارد 230 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.3 ئاشقان.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەملىكىتىمىزدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 24 تىرىليون 580 مىليارد 290 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.6 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 14 تىرىليون 841 مىليارد 210  مىليون يۈەن  بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.2 ئاشقان؛ يەرلىكتىكى دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ 9 تىرىليون 739 مىليارد 80 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.8 ئاشقان.

تەننەرخ جەھەتتە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەملىكىتىمىزدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئومۇمىي تەننەرخى 23 تىرىليون 762 مىليارد 950 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.8 ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 14 تىرىليون 199 مىليارد 550 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.8 ئاشقان؛ يەرلىكتىكى دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ 9 تىرىليون 563 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.4 ئاشقان.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەملىكىتىمىزدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى 2 تىرىليون 26 مىليارد 330 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئاشقان. 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكىتىمىزدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ كاپىتال ئومۇمىي سوممىسى 143 تىرىليون 477 مىليارد 430 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.5؛ قەرز ئومۇمىي سوممىسى 94 تىرىليون 129 مىليارد 340 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.4؛ ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىگە چېتىشلىق سومما 49 تىرىليون 348 مىليارد 90 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.7 ئاشقان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى