باش بەت>ئىقتىساد

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سودىسى ياخشىلىنىشقا باشلىدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-03-20 13:08:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

1-ئايدا بازار سەل پەسكويغا چۈشكەندىن كېيىن، مەملىكەت ئىچىدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ 2–ئايدىكى سودىسى ياخشىلىنىشقا قاراپ مېڭىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا ئاشتى. لېكىن 1-ئايدىكى چۈشۈش نىسبىتى چوڭ بولغانلىقتىن، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش، سېتىلىش ئومۇمىي نىسبىتى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن تۆۋەن بولدى، قىسمەن زاۋۇتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا ئائىت تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ھەمدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ. يىل يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش، سېتىلىش نىسبىتى %40 ئېشىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ 800 مىڭغا يېتىشىدىن ئۈمىد زور ئىكەن