باش بەت>ئىقتىساد

مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-26 17:21:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

  ۋاڭ يۇڭفېي

    شىنجاڭ ‹‹گۇاڭخۇي›› ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش(گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ يىل 1 – پەسىلدە سىنگاپور سودا مەركىزىدە 300 مىليون دوللارلىق زايومنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تارقىتىپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدا چەت ئەل پۇلى زايومى تارقاتماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى، بۇنىڭ بىلەن ‹‹گۇاڭخۇي›› ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش(گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭدىكى چېگرا سىرتىدا چەت ئەل پۇلى زايومى تارقاتقان تۇنجى كارخانا بولۇپ قالدى.

    بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرى بىلەن جىپسىلىشىش جەھەتتە باسقان ھالقىلىق بىر قەدىمى، بۇ يەنە شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولغۇسى.

    يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇھىم ئاساس ۋە تىرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇش شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا بايلىق توپلاپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپلا قالماي، يەنە شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك سېلىپ، خەلقئارا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە خەلقئارا سودىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 ئاپپاراتلار توپلىشىپ، رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى

    رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەركىزى بەرپا قىلىش شىنجاڭغا نىسبەتەن پۇختا پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات ئاساسىغا ئىگە.

    رېئاللىقتىن قارىغاندا پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ شەكىللىنىشىدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ توپلىنىشى بىۋاسىتە ئىپادىلەندى. شىنجاڭ ‹‹چيەنخەي›› بىرلەشمە مال – مۈلۈك سۇغۇرتا شىركىتى، شىنجاڭ بانكىسى، پاكىستان ‹‹ھەبىب (habib)›› بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى ئارقا – ئارقىدىن تىجارەت باشلىدى، جۇڭگو ئىمپورت – ئېكسپورت بانكىسى قەشقەردە 2 – دەرىجىلىك شۆبىسىنى قۇردى، شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى تىجارەت باشلىدى... بىر قاتار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى شىنجاڭدا ئارقا – ئارقىدىن تىجارەت باشلىدى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قىلىپ بېكىتىلگەندىن بۇيان، شىنجاڭدا بانكا، ئاكسىيە، سۇغۇرتا ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، ھاۋالە، ئىجارە، ئاز سوممىلىق قەرز پۇل شىركىتى قاتارلىقلار تەڭ مەۋجۇت بولغان، كۆپ قاتلاملىق، فۇنكسىيەسى تولۇق پۇل مۇئامىلە تەشكىلىي سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

    بۇ يىل 4 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا جەمئىي 145 بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، 30 ئاكسىيە شىركىتى، 31 سۇغۇرتا شىركىتى، ئالتە زاكاز مال شىركىتى، ئىككى ھاۋالە مەبلەغ شىركىتى، بىر پۇل مۇئامىلە ئىجارىكەشلىك شىركىتى، ئۈچ مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى، 382 ئاز سوممىلىق قەرز پۇل شىركىتى، بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ تىجارەت تور نوقتىسىدىن 3736سى بار بولدى.

    يالغۇز بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىلا كۆپىيىپ قالماستىن، شىنجاڭنىڭ كاپىتال بازىرىمۇ تەرەققىيات ئالتۇن دەۋرىنى كۈتۈۋالدى. بۇلتۇر 8 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ئاپتونوم رايون جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن كاپىتال بازىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، شىنجاڭدىكى پېيىنى بازارغا سالماقچى بولغان شىركەتلەرگە ‹‹يوللىغان ھامان تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ھامان پاي چېكىنى تارقىتىش››تەك ئېتىبار سىياسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    شىنجاڭ كاپىتال بازىرى بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 5 – كۈنى يىل بېشىدىلا غەلىبە قازىنىشتەك ياخشى باشلىنىشنى كۈتۈۋالدى. ‹‹دېلىكس›› گۇرۇھى شىنجاڭ قاتناش – تىرانسپورت گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ‹‹شىلېڭ›› ئۇچۇر تېخنىكىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پېيى تەڭلا بازارغا سېلىندى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا A پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت 49 غا يەتتى.

    پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ توپلىنىشى مۇقەررەر ھالدا ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى مەبلەغ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 1 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى قوللاش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە سىجىل ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، ئامانەت – قەرز نىسبىتى سىجىل ئېشىپ، بەش يىلغا يېقىن ۋاقىتتا بېرىلگەن قەرز ئالدىنقى 60 يىلنىڭ يىغىندىسىدىن، ئاكسىيە ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئومۇمىي سوممىسى ئالدىنقى 14يىلنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتتى.

 غەربكە ئېچىۋېتىلىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا پۇل ئالماشتۇرۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى

    شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا پۇل مۇئامىلىنى غەربكە ئېچىۋېتىشنى، خەلق پۇلى بىلەن يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پۇلىنى بىۋاسىتە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاچقۇچ.

    ئەمەلىيەتتە 2009 – يىلىدىن باشلاپلا شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ چېگرا ھالقىپ بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشتا خەلق پۇلى ئارقىلىق راسچوت قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئىجازىتىگە ئېرىشىپ، خەلق پۇلىنى ئىشلىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش جەھەتتە ئاۋۋال يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

    شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپىنىڭ كۆلىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل كېڭەيدى، سودا بانكىسى خەلق پۇلىنىڭ چېگرا ھالقىپ راسچوت قىلىش يوللىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. 2016 – يىلى تەۋەلىك رايوننىڭ چېگرا ھالقىپ خەلق پۇلى ئارقىلىق ھېسابات قىلىش مىقدارى چېگرا ھالقىغان كىرىم – چىقىم ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %22 ىنى ئىگىلىدى، دۆلەت ھالقىغان كارخانىلار گۇرۇھىنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى مەبلەغ فوندى كەسپى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.8 ئاشتى، جۇڭگو – قازاقىستان ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ ھەر خىل كىرېدىت پۇل قالدۇق سوممىسى 24 مىليارد 390 مىليون يۈەنگە يەتتى.

    شىنجاڭ بۇ يىل 4 – ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر قازاقىستان، ئامېرىكا قاتارلىق 86 دۆلەت ۋە رايون بىلەن قانات يايدۇرغان چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى ئەمەلىي كىرىم – چىقىم كەسپى، چېگرا ھالقىغان راسچوتنىڭ ئەمەلىي كىرىم – چىقىم سوممىسى 235 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 15 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە 20 بانكا ئاپپاراتىنى قاپلىدى، مەملىكەت بويىچە شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتىغا قاتناشقان كارخانا 2350 كە يەتتى.

    خەلق پۇلى ۋە يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پۇلى بىلەن بىۋاسىتە سودا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال نەتىجىلەر قولغا كەلدى. شىنجاڭ 2011 – يىلى خەلق پۇلى بىلەن قازاقىستان تەڭگىسىنى بانكا پوكىيىدە بىۋاسىتە ۋىۋىسكا ئېسىپ سودا قىلىشنى يولغا قويدى؛ 2014 – يىلى 12 – ئايدا خەلق پۇلى بىلەن قازاقىستان تەڭگىسى ئوتتۇرىسىدا بانكا ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرى ئارقىلىق ئۆزئارا رايون خاراكتېرلىك سودا قىلىشنى يولغا قويدى؛ 2015 – يىلى مەملىكەت بويىچە خەلق پۇلى بىلەن تەڭگە ۋە رۇبلىنى ئۇزاق مەزگىللىك پېرېۋوت راسچوتى قىلىش كەسپىنى تۇنجى قېتىم يولغا قويدى. شىنجاڭ شۇ يىلى 9 – ئايدا خەلق پۇلى بىلەن پاكىستان رۇپىيەسى نەق پۇلىنى بانكا پوكىيىدە ۋىۋىسكا ئېسىپ سودا قىلىشنى قانات يايدۇردى. 12 – ئايدا خەلق پۇلى بىلەن تاجىكىستان سومونىسىنى بانكا پوكىيىدە ۋىۋىسكا ئېسىپ سودا قىلىشنى يولغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ پۇلىنى يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پۇلى بىلەن ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

    پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىپ سالغان ۋە يۈرۈشتۈرگەن مەبلىغىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى تېز ئېشىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %23كە يەتتى. 2016 – يىلى چېگرا ھالقىپ سالغان ۋە يۈرۈشتۈرگەن مەبلەغنىڭ كۆلىمى 2012 – يىلىدىكىدىن %93 ئېشىپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. 2016 – يىلى چېگرا ھالقىپ سالغان ۋە يۈرۈشتۈرگەن مەبلەغ كۆلىمىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2012 – يىلىدىكىدىن %67 ئاشتى.

 تەرەققىيات ئىستىقبالى: ئىقتىساد مۇھىم ئامىلىنىڭ چېگرا ھالقىپ ئايلىنىشى تېزلىتىلدى

    شىنجاڭ ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ئېلىمىز يىپەك يولىنىڭ شىمالى، ئوتتۇرا قىسمى، جەنۇبىدىكى ئۈچ يولنىڭ ھەممىسى چېگرا ھالقىغان ۋە كېسىشىدىغان بىردىنبىر ئاپتونوم رايون(ئۆلكە)، ئېلىمىزنىڭ بالتىق دېڭىزى، ئىنگلىز بوغۇزى، پارس قولتۇقى ھەم ھىندى ئوكيانغا چىقىدىغان تۆت چوڭ قۇرۇقلۇق يولىدىكى بىردىنبىر ئىستراتېگىيەلىك بوسۇغىسىدۇر.

    شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى پۇل مۇئامىلە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى سۇ نىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ مۇقەررەر ھالدا رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يىپەك يولى خەلقئارا تاۋار سودىسىدىكى يىغىلىش – تارقىتىش مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. پۇل مۇئامىلە مەركىزى بىر رايوننىڭ خەلقئارا سودىسى ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى، شۇڭا شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەركىزىنى قۇرۇشىدىن، ھەتتا دۇنياۋى پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇشىدىنمۇ ئۈمىد بار.

    ھازىر ئاپتونوم رايوننىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇش پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ، لايىھە خەرىتىسى پات ئارىدا پۈتىدۇ.

    سۇ نىڭ مۇنداق دېدى: شۈبھىسىزكى، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە جەھەتتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن خەلق پۇلىنى پۈتۈنلەي ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، بۇ ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، پۇل مۇئامىلە خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق؛ پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق چېگرا ھالقىغان قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، يوللارنى راۋانلاشتۇرۇپ، تىنچ ئوكياندىن بالتىق دېڭىزىغىچە بولغان تىرانسپورت يولىنى ئېچىشقا پايدىلىق؛ يەنە سىياسىي جەھەتتە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، سودىنى يۈرۈشتۈرۈپ ۋە خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئىقتىسادىدا ئورتاق نەپ ئېلىشىغا پايدىلىق.

    جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ باشلىقى گو جيەنۋېي مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇش ئۈچۈن سىياسەت، مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار جەھەتتە دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇل، كاپىتال، تېخنىكا، مۇلازىمەت قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنىڭ ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئەركىن يۈرۈشۈشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى ۋە تەرەققىياتىنىڭ قاتلىمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا سىڭىشىش مۇساپىسىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىش كېرەك.