باش بەت>ئىقتىساد

سودا بانكىلىرى 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ بىر قىسىم مۇلازىمەت ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2017-07-28 13:35:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

مۇھەممەد تۇراپ

     دۆلەت تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى ۋە بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان تىجارەت مۇلازىمىتى خاراكتېرلىك ھەقلەرنى يەنىمۇ ئېنىقلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئابۇنىچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن يېقىندا «سودا بانكىلىرىدا قىسمەن پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ھەق ئېلىشنى توختىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، 2017 – يىلى 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ ئېلىمىزدىكى سودا بانكىلىرىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىر قىسىم پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى خاراكتېرلىك ھەقلەرنى ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ۋاقىتلىق توختىتىشنى قارار قىلدى.

     «ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، سودا بانكىلىرىنىڭ ئابۇنىچىلىرى مەزكۇر بانكىنىڭ باشقا جايدىكى كۆزنەكلىرىدىن (ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ئاپپاراتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نەق پۇل ئالسا، رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ (ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق نەق پۇل ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)؛ خاس چەك، پېرېۋوت چېكىنىڭ رەسمىيەت ھەققى، خاس چەك ۋە پېرېۋوت چېكىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ھەققى، خاس چەك ۋە پېرېۋوت چېكىنىڭ تەننەرخ ھەققى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك ھەقنى ئېلىش ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ؛ سودا بانكىلىرى ئابۇنىچىلارنىڭ مەزكۇر بانكىدا ئاچقان بىرلا ھېساباتىدىن ئېلىنىدىغان باشقۇرۇش ھەققى ۋە يىللىق ھەق ئېلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەچۈرۈم قىلىدۇ. بۇ «ئۇقتۇرۇش» سودا بانكىلىرىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان چېگرا ئىچى خەلق پۇلى كەسپىگە تەتبىقلىنىدۇ.

     دۆلەت تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، سودا بانكىلىرى ھەر يىلى ئابۇنىچىلاردىن ئالىدىغان رەسمىيەت ھەققى 6 مىليارد 105 مىليون يۈەن كېمىيىدىكەن.