باش بەت>ئىقتىساد

ئۈندىداردا خاتا يۆتكەلگەن پۇلنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇسۇللىرى

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-15 18:20:00 مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

ئاددىي ئۇسۇللار: بىرىنچى، قارشى تەرەپكە پۇلنى قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش. ئەگەر قارشى تەرەپ قايتۇرمىسا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ؛ ئىككىنچى، سۆھبەتلىشىش نەتىجىلىك بولماي، قارشى تەرەپ سىزنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋەتكەندە، ۋاقتىدا دېلو مەلۇم قىلىپ، ساقچىلارمۇ بۇ مەسلىنى ھەل قىلالمىسا، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش كېرەك.                     

كونكرېت ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى:

1. قارشى تەرەپ بىلەن دەرھال ئالاقىلىشش كېرەك. پۇلنى ئېلىۋالغۇچىغا نىسبەتەن بۇ نامۇۋاپىق پايدا ھېسابلىنىدۇ. ھەق تەلەپ قانۇنى 92-ماددىسىدا: قانۇنغا ئۇيغۇن دەلىل-ئىسپات بولماي تۇرۇپ نامۇۋاپىق پايدا ئېلىپ باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، نامۇۋاپىق ئالغان پايدىنى زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.                   

2. قارشى تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشەلمىگەندە ئەرز قىلىش كېرەك. ئەگەر پۇلنى قايتۇرۇشنى رەت قىلسا، قارشى تەرەپ ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە نامۇۋاپىق پايدا ئېلىش تالاش-تارتىشنى بىر تەرەپ قىلىدىغان سوت مەھكىمىسى جاۋابكار تۇرۇشلۇق ئورۇندا بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق ياكى دائىمىي تۇرۇشلۇق جايدىكى سوت مەھكىمىسگە ئەرز قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈندىداردا پۇل ئەۋەتكەنلىك خاتىرىسى بىلەن بانكا كارتىسى نومۇرىنى چىڭ ساقلىۋېلىش كېرەك.

3. قارشى تەرەپنىڭ كىملىك ئۇچۇرىنى بىلمىگەندە، قارشى تەرەپ ئۈندىدارنى يانفون نومۇرى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرغان بولسا، بۇ ئارقىلىق كىملىك ئۇچۇرىغا ئېرشكىلى بولىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئۇسۇلدىمۇ ئېرىشكىلى بولمىسا، ئۈندىدار ئارقا سۇپىسىدىكى خادىملاردىن ياردەم سوراش كېرەك.

«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن