باش بەت>ئىقتىساد

ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئىسلاھات – تەرەققىياتنىڭ كاپالىتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-17 12:56:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

نۇڭ شىڭ

     بۇ يىل ئېلىمىزدە يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى ۋە قىيىن مەزگىلىگە قەدەم قويغان ھازىرقى ۋەزىيەتتە، يېزا ئىگىلىكىنى مۇقىم راۋاجلاندۇرۇش، ئاشلىقتىن ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىش بازارنى تۇراقلاشتۇرۇشتا، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تارىخىي تەجرىبىلەردىن شۇنى بىلدۇقكى، يېزا ئىگىلىك ۋەزىيىتى ياخشى بولغانسېرى، بىخۇدلۇق قىلىشقا، بوشىشىپ كېتىشكە بولمايدۇ. «13 – بەش يىل» مەزگىلىدە، «دانلىق زىرائەتلەردە ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تەمىنلەش، ئاشلىق مۇتلەق بىخەتەر بولۇش» تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، «ئاشلىق ھوسۇلىنى تېرىلغۇ يەر ۋە تېخنىكىغا تايىنىپ ئاشۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپەت ئۈنۈمى ۋە رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

    يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئۆتكەن يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ گۈزەل كارتىنىسىغا ئايلاندى. ئاشلىقتىن يىلدا ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىش يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، سېتىشقا ماس كېلىدىغان يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىش ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.

    ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىش تەبىئىي ئاپەت كۆپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى يۇقىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى تۆۋەن بولۇۋاتقان ئەھۋالدا ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىش ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپتىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈچلۈك تايانچ بىلەن تەمىنلىدى.

    دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغىنى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مەسىلىسىدۇر. ئىلگىرىكى بىر مەزگىلدە، ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى، ئامبار زاپاس مىقدارى ۋە ئىمپورت مىقدارىدىن ئىبارەت ئۈچ مىقدار تەڭ ئېشىپ، ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق باھاسى خەلقئارادىكى ئاشلىق باھاسىدىن زور دەرىجىدە يۇقىرى بولدى، سېرىق پۇرچاق، كېۋەز، ياغلىق دانلار ۋە شېكەر ماتېرىياللىرىنىڭ ئىمپورت مىقدارى كۆپرەك بولدى. بۇنىڭغا قارىتا، چەت ئەلدىكى بىر قىسىم كىشىلەر «جۇڭگونى كىم باقىدۇ؟» دېگەن گۇمانىي قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىنىشقا ئەگىشىپ، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم ئېشىپ، ئاشلىق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىناتى يېتەرلىك بولدى، بۇنىڭ بىلەن يېزا ئىگىلىك تەمىنات ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ماددىي ئاساسقا ئىگە قىلىنىپلا قالماي، دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداشقىمۇ تۆھپە قوشۇلۇپ، يامان غەرەزلىك بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ گۇمانى بىتچىت قىلىندى.

     «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار» ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتتە تەشەببۇسكارلىق نامايان قىلىندى. تاماق يېيىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش باشتىن – ئاخىر دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ كەلدى. ئاشلىق دۆلەتنى قوغداپ، خەلقنى خاتىرجەم قىلىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ماددىي ئەشيا، ئاشلىق تېرىش ھازىرمۇ سانسىزلىغان دېھقانلارنىڭ ئەڭ مۇقىم كىرىم مەنبەسى، ئاشلىق باھاسى يەنىلا بارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسىي ئامىل. شۇڭا، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش مۇرەككەپ بولغان ئىچكى – تاشقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە، دېھقانلارنىڭ ھوسۇل ئېلىش ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ماددىي تايانچقا ئىگە قىلىدۇ، شۇنداقلا دېھقانلار كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىستېمالنى جانلاندۇرىدۇ، ئىچكى ئېھتىياجغا تۈرتكە بولىدۇ.

     ھازىر ئېلىمىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ جەڭ مەزگىلى ۋە قىيىن مەزگىلىگە كىردى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى، ئاشلىقتىن ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىش بازار كۆزلىمىسىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات – تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىنسا ئاساس پۇختا بولىدۇ، يېزىلار مۇقىم بولسا ئومۇمىي ۋەزىيەت تىنچ بولىدۇ، دېھقانلار بېيىسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار»نىڭ ئاساسى پۇختىلىنىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار»نىڭ كەمتۈكلۈكى تولۇقلانسىلا، پۈتكۈل ئومۇمىيەت كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، تەرەققىيات ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشىدۇ، ئىلگىرىلەش كۈچىمىز زورىيىدۇ، شۇندىلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ ئىگىلىيەلەيمىز.

     ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى. مىقدار جەھەتتىن قارىغاندا، ھازىر ئاشلىق ھەقىقەتەن كۆپەيدى، ئەمما مىقدار جەھەتتىكى كۆپىيىش ئاساسلىقى كۆممىقوناق ھوسۇلىنىڭ كۆپىيىشىنى، ئامبار زاپىسى مىقدارىنىڭ كۆپىيىشى ئاساسلىقى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئاشلىق ئامبارلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرسىتىدۇ. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا «ئىككى قىيىن» مەسىلە مەۋجۇت، يەنى كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ، ئاز بولۇپ قالسىمۇ بولمايدۇ. تارىختىن شۇنى بىلدۇقكى، ئاشلىق مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ئاسان، ئۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەس، شۇڭا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇلتۇردىن بۇيان ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئۇنىۋېرسال ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈلدى، بۇ، ئىقتىسادنىڭ پۈتكۈل سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، جايلارمۇ ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەردى.

     شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئاشلىقتىن ئۇدا كۆپ يىل مول ھوسۇل ئېلىۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما بۇ ئاشلىق مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ۋەزىيىتى قانچە ياخشى بولغانسېرى، بىخۇدلۇق قىلىشقا، بوشىشىپ كېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئاشلىق تەمىناتى ۋە ئېھتىياجىدا يەنىلا بەلگىلىك يوچۇق كۆرۈلمەكتە. ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، ئاشلىق قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات ئېھتىياجى يەنىلا ئېشىش ھالىتىدە بولۇپ، تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈش بېسىمى يەنىلا ناھايىتى ئېغىر. شۇڭا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئاشۇرۇپ، تولۇقلىما بېرىش ۋە باھا سىياسىتىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 ھازىر ئېلىمىز سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ ئوتتۇرا، كېيىنكى مەزگىلى، شەھەرلەشتۈرۈشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىش مەزگىلىگە كىردى، «تۆتلەشتۈرۈش»نى تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بېرىش تەلىپىگە نەزەر سالغاندا، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ گەۋدىلەندى. «13 – بەش يىل» مەزگىلىدە، «دانلىق زىرائەتلەردە ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تەمىنلەش، ئاشلىق مۇتلەق بىخەتەر بولۇش» تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، «ئاشلىق ھوسۇلىنى يەر ۋە تېخنىكىغا تايىنىپ ئاشۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تىرىشىش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈر، سۈپەت قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، كۆممىقوناق قاتارلىق زاپاس مىقدارى بىر قەدەر كۆپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنات – ئېھتىياج زىددىيىتىنى يەنىمۇ پەسەيتىپ، يېشىل، سۈپەتلىك، بىخەتەر ۋە خاس مەھسۇلاتلار تەمىناتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ مىقدار، ئۈنۈم ۋە سۈپەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

(«جۇڭگو ئىقتىساد گېزىتى»دىن ئېلىندى)