باش بەت>ئىقتىساد

باھا ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلسا، تۇرمۇشىمىزغا قانداق تەسىركۆرسىتىدۇ؟

يوللانغان ۋاقىت:2017-12-28 15:13:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

     دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى «باھا مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، كەلگۈسى ئۈچ يىللىق باھا ئىسلاھاتىنى سىستېمىلىق پىلانلىدى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. باھا مېخانىزمى بازار مېخانىزمىنىڭ يادروسى بولۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. باھا ساھەسىدە كېيىنكى قەدەمدە قايسى زور ئىسلاھاتلار بولىدۇ؟ بۇ ئىسلاھاتلار تۇرمۇشىمىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

   مونوپول ساھەلەرنىڭ رىقابەت خاراكتېرلىك ھالقىلىرىدىكى باھا پۇختا قەدەم بىلەن قويۇپ بېرىلىدۇ

  【مۇھىم نۇقتا «ئوتتۇرىسىنى كونترول قىلىش، ئىككى تەرىپىنى قويۇۋېتىش» ئومۇمىي تەپەككۇرى بويىچە مونوپول ساھەلەرنىڭ باھا ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، قويۇپ بەرگىلى بولىدىغان رىقابەت خاراكتېرلىك ساھە ۋە ھالقىلاردىكى باھانى پۇختا قەدەم بىلەن قويۇپ بېرىش بازار ئارقىلىق تەڭشىلىدۇ. بازارنىڭ توك چىقىرىش، توك سېتىش باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ؛ ئاھالىلەر ئىشلەتمەيدىغان تەبىئىي گاز باھاسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، گاز مەنبەسى باھاسى ۋە سېتىش باھاسى مۇۋاپىق قويۇپ بېرىلىدۇ؛ تۆمۈر يول يۈك تىرانسپورتى بازىرىنىڭ باھانى تەڭشەش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ.

  «ئىجازەت تەننەرخى + مۇۋاپىق ئۈنۈم» يادرو قىلىنغان، چەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش بىرلەشتۈرۈلگەن تور تىپىدىكى تەبىئىي مونوپول ھالقىسىنىڭ باھا بېكىتىش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. توك يەتكۈزۈش، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى تىرانسپورتى، تۆمۈر يوللاردىكى ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىزى تىرانسپورتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە باھا بېكىتىش، تەننەرخنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  【يەشمە جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزى ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىڭ چۇنمېي مۇنداق دېدى: رىقابەت خاراكتېرلىك ھالقىلاردىكى باھانى قويۇۋېتىش مونوپول ساھەلەرنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ «تۇتقا»سى؛ تەبىئىي مونوپول ھالقىلىرىدىكى باھا بېكىتىشنىڭ تەننەرخىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش تەننەرختىن ئىبارەت «قارا ساندۇق»نى چېقىپ تاشلاشقا پايدىلىق بولۇپ، مونوپول ساھەلەرنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈمىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقتۇر.

  داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان خورىما ماتېرىياللارنىڭ قوشۇلما تەننەرخى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

  【مۇھىم نۇقتا شەھەرنى سۇ، گاز، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش باھاسىنى تەڭشەش تېزلىتىلىدۇ. توكنىڭ گىرەلەشمە باھا تولۇقلىمىسىنى تەدرىجىي ئازايتىش مۇزاكىرە قىلىنىپ، ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان توك باھاسى سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. دورا قوشۇلما تەننەرخىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملىنىپ، داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان خورىما ماتېرىياللارنىڭ قوشۇلما تەننەرخى يەنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى تەڭشەش ئەلالاشتۇرۇلىدۇ. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىش مۇلازىمىتىنىڭ ھەق ئېلىش سىياسىتى مۇزاكىرە قىلىنىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈش تەلىپى بويىچە دۆلەت ئىلكىدىكى باغچىلارنىڭ باھا سىياسىتى مۇزاكىرە قىلىنىپ تۈزۈلىدۇ.

  【يەشمە داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان خورىما ماتېرىياللار يۈرەككە سېلىنىدىغان تىرەك، سۈنئىي لېپەك، ئوپېراتسىيە داكىسى، ئوپېراتسىيە يىپى، چىش ماتېرىيالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر جايلاردىكى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان خورىما ماتېرىياللارنىڭ قوشۇلما تەننەرخى ئاساسەن 5تىن 10كىچە بولۇۋاتىدۇ. دۆلىتىمىز دۆلەت ئىلكىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ «دورا قوشۇلما تەننەرخى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇردى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان خورىما ماتېرىياللارنىڭ قوشۇلما تەننەرخىنى يەنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇش داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا پايدىلىق.

  دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ زۇسەي مۇنداق دېدى: بايلىقنى جامائەت مۇلازىمىتى ساھەسىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەشكە يېتەكلەپ، ھۆكۈمەت باھا بېكىتىدىغان ھالقىلاردىكى مالىيە تولۇقلىمىسى، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش چېكىنى ئىلمىي بېكىتىپ، باھا ئۆزگىرىشىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  يېشىل ئىستېمال باھاسى تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش شەكلىنى يېتەكلەيدۇ

  【مۇھىم نۇقتا يېشىل ئىستېمال باھا سىياسىتى تۈزۈلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئاھالىلەرنىڭ توك، سۇ، گاز ئىشلىتىشىدىكى پەلەمپەيسىمان باھا سىياسىتى قەرەللىك باھالىنىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. شىمالىي قىسىمدىكى رايونلارنى پاكىز پار بىلەن تەمىنلەش باھا سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. تەييار ماي سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مۇساپىسىگە ئاساسەن، دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىدىكى باھا سىياسىتى تۈزۈلىدۇ.

  【يەشمە يېشىل ئىستېمال باھا سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تېجەشچان ۋە مۇۋاپىق، يېشىل ۋە تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. ئىگىلىنىشىچە، دۆلىتىمىز ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىمالىي قىسىمدىكى رايونلاردا «كۆمۈر ئارقىلىق ئىسسىنىشنى توك ئارقىلىق ئىسسىنىشقا ئۆزگەرتىش»، «كۆمۈر ئارقىلىق ئىسسىنىشنى گاز ئارقىلىق ئىسسىنىشقا ئۆزگەرتىش»نى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. يۇندى بىر تەرەپ قىلىش، ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىشتا پەرقلەندۈرۈپ ھەق ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن. ئاھالىلەرنىڭ سۇ، توك، گاز ئىشلىتىشىنىڭ مىقدارى، باھاسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ ۋە تەڭشەپ، باھا دەرىجە پەرقىنى چوڭايتىش مۇزاكىرە قىلىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ تېجەش ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.

  ئادىل رىقابەتنى چەكلەيدىغان سىياسەت چىقىرىلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ

  【مۇھىم نۇقتا ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ. ئېشىش مىقدارى قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ، رىقابەتنى چەتكە قاقىدىغان، چەكلەيدىغان يېڭى سىياسەت ۋە تەدبىر چىقىرىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. ساقلانما مىقدار پەيدىنپەي ئازايتىلىپ، بىرلىككە كەلگەن بازار ۋە ئادىل رىقابەتكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇللار سالماق، تەرتىپلىك ئېنىقلىنىدۇ ۋە بىكار قىلىنىدۇ. باھا مونوپوللۇقىغا قارشى قانۇن ئىجراسىنى نورماللاشتۇرۇش، تەپسىلىيلەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. تىجارەتچىلەرنىڭ باھا ئىناۋەت ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ، باھادا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىشەنچنى يەردە قويغانلارغا بىرلىشىپ جازا بېرىش يولغا قويىلىدۇ.

  【يەشمە مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار ۋە ئادىل رىقابەت بەرپا قىلىشقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يەرلىك قورۇقچىلىق، رايون قاماللىقى، كارخانىلار مونوپول قىلىش... قاتارلىق ھادىسىلەرگە قارىتا دۆلىتىمىز «بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشى داۋامىدا ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىشقا ئائىت پىكىر»نى ئېلان قىلدى.

  ئىقتىسادشۇناس ۋۇ جىڭليەن مۇنداق دېدى: رىقابەت سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش ئارقىلىق ھەر خىل بازار سۇبيېكتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئادىل رىقابەتكە كاپالەتلىك قىلىنىپ، رىقابەت كۈچى كەمچىل كارخانىلار بازاردىن چېكىندۈرۈلۈپ، ئەلا كارخانىلار بازار رىقابىتى داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشىش ۋە بۇ ئارقىلىق تەرەققىي قىلىپ زورىيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر ھەتتا پۈتكۈل ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ.

  ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش-ھەق ئېلىش تۈرى تىزىملىكى تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ

  【مۇھىم نۇقتا مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ھەق ئېلىشنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. تىجارەت-مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش تەرتىپكە سېلىنىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش-ھەق ئېلىش تۈر تىزىملىكى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلا تىزىملىك بولۇش، توردا مەركەزلىك ئاشكارىلاش، ھەرىكەتچان تەڭشەپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، تىزىملىكتە بولمىغانلىرىغا ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىشىگە بىردەك يول قويۇلمايدۇ.

  【يەشمە «رۈيخۇا» بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ باشقۇرغۇچى شېرىكى جاڭ ليەنچى مۇنداق دېدى: كارخانىلارغا چېتىشلىق ھەق ئېلىشنىڭ ئەجەللىك يېرى شۇ يەردىكى، بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەردە مەمۇرىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ۋە تىجارەت ھەققى ئېلىشقا مۇئەييەن دەرىجىدە تايىنىۋېلىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت، تىزىملىك تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئاخبارات، جامائەت پىكرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كارخانىلارغا چېتىشلىق ھەق ئېلىشنى ھەقىقىي ئازايتىش ئەمەلىي ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم.

  باھا ئىسلاھاتى سەۋەبلىك تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

  【مۇھىم نۇقتا خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ئېھتىياجلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، باھانىڭ بىنورمال تەۋرىنىشىگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، مۇھىم تاۋارلارنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە كاپالەت ئۆلچىمى مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن چېتىشتۇرۇلغان ھەمتۈرتكىلىك مېخانىزم ئەستايىدىل ئىجرا قىلىنىدۇ ھەم مۇۋاپىق پەيتتە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسى تۈزۈلۈپ، يانداش سىياسەتلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  【يەشمە مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ۋېن لەيچېڭ مۇنداق دېدى: بۇ، يېڭى باسقۇچتىكى باھا باشقۇرۇشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى، يەنى باھا، مالىيە-باج قاتارلىق سىياسەت قوراللىرىنى يولغا قويۇپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ باھانى تىزگىنلەش ئومۇمىي سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى. مۇشۇنداق بولغاندا، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

  دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

  【مۇھىم نۇقتا ئومۇمىي جەھەتتىن دېھقانلارنىڭ سېلىقىنى ئېغىرلاتماسلىق ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھا شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى پائال، پۇختا قەدەمدە ئىسلاھ قىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  【يەشمە خۇ زۇسەي مۇنداق دېدى: ئۇنىۋېرسال، يانداش سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرغاندا، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرغىلى ۋە دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى